ھىندىستان شەرقىي شىمال چېگرىسىغا 2 دىۋىزىيە ئەسكەر يۆتكىگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.02.16
2010.02.16
ئانتوني بۇنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى بولغان بىر تەييارلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت چېگرا رايوندىكى مۇداپىئەنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ بىر تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ سۆز ئارىسىدا يەنە، خىتاي بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا چېگرا مەسىلىسىدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دېڭىز پورتى تەسىسلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، ھىندىستان بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلماقتا ئىدى.
ھىندىستاننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستان، بېنگال ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دېڭىز پورت ۋە ئايرۇدۇرۇملارغا مەبلەغ سېلىشى ھىندىستاننى ئەسكىرىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈندۇر. خىتاي بولسا مەزكۇر قۇرۇلۇشلاردىكى مەبلەغلىرىنى ساپ تىجارىي مەقسەتلىك دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن.
مۇتەخەسسىسلەر، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمال چېگرىسىدا ئەسكەر كۆپەيتىشىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچسىزلىكنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ھەر ۋاقىت بىر كرىزىسقا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ئىشارىتى دەپ قاراشماقتا.