ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەت كۈنى ۋە قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

12-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرجىنيا شتاتىدىكى ئىجتىمائىي ئالىم تېخنىكومىدا 1933-ۋە 1944-يىلىكى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.11.13

بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەجدادلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېلەچەككە يۈزلىنىشكە چاقىردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرىشىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى ئەسلىنىپ ئۆتۈلدى ۋە ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ھازىرلىغان ناخشىلار ئورۇندالدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ھەر خىل مول مەزمۇنلار بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.