ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلار 10 ‏- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى

ئەنگلىيىدىكى خىتاي، تىبەت ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن 10 ‏- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا تۈرمىدىكى خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2010-12-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

 نامايىشچىلار نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مېدالىغا تەقلىد قىلىپ ياسىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي قاتارلىق 4 خىل تىلدا ئىمزا قويۇلغان بىر دۈگىلەك تاختاي بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ يېزىلغان بىر پارچە ئوچۇق خەتنى ئەلچىخانا دائىرىلىرىگە تاپشۇرماقچى بولغان. لېكىن، ئەلچىخانا دائىرىلىرى لەۋھە بىلەن ئوچۇق خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلغان. 4 خىل تىلدىكى نوبېل مېدالىغا تەقلىد قىلىنغان تاختايغا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتناشقان ئاشىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۇيغۇر نامايىشچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان نۇرغۇن سىياسەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولۇپ، قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىنالارنىڭ سېلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ئىكەن. ئەنگلىيە ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئەنگلىيىدىكى تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، "ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ئىتتىپاقى"نى قۇرغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت