خىتاي كومپارتىيىسى پەيزىۋاتتىكى مەسچىتتە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئالدىنقى كۈنى دىنىي زاتلار ئارىىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدا ۋەز - نەسىھەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. خەۋەردىكى رەسىمدىن قارىغاندا، مۇسابىقە مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر قىلمىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا بىر مەسخىرە دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ ۋە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە مەسخىرە قىلىشقا ئۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.27

دىلشار رىشىت باياناتىدا، بىر مىللەتنىڭ دىنىي ۋە مىللىي غورۇرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھېچقاچان جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ۋەقەلەردىن دەرس ئېلىشقا چاقىردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.