قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن يەنە 16 مىڭ ئادەم تولۇقلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2009 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئالتە يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 16 مىڭ نەپەر قوش تىلى ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاش پىلانىنى تۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.01.18

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2008 - يىلى ئاپتونوم رايون پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتى " ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىلى مائارىپ خىزمىتىگە ئائىت بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر" نى ئېلان قىلغان، بۇ، قوش تىللىق يەسلىلەر، قوش تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتىلغان.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى كۈچەيتىش ۋە قوش تىللىق يەسلىلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتقان ھەمدە داۋاملىق ئاجراتماقتا.

ئەنە شۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى 16 - يانۋار كۈنى مائارىپ خىزمەت يىغىنى ئاچقان. مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاۋ دېجوڭ قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنى تېزلىتىش شۇنىڭدەك جەنۇبتىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاشۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بىراق، كەلگۈسى ئالتە يىل ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 16 مىڭ نەپەر قوش تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى تولۇقلاش پىلانى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن، ھازىرچە مەزكۇر ساننىڭ مىللەت تەركىبىدىكى نىسبەت پەرقى ئاشكارا ئەمەس. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى قاتتىق ئۆلچەم قىلىنىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن قوش تىلى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنى ئەكېلىش ئارقىلىق تولۇقلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.