رۇسىيە - ھىندىستان دائىرىلىرى قورال - ياراق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

رۇسىيە دائىرىلىرى ھىندىستان بىلەن مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق ۋە يادرو ئېنېرگىيە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. مەزكۇر كېلىشىملەر رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا جۈمە كۈنى روياپقا چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.13

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنە، رۇسىيىنىڭ ھىندىستانغا ئاۋىئاماتكا ۋە Mig 29 تىپلىق رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن.

رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن رۇسىيە - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگى بولسا، رۇسىيىنى "ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداش"، دەپ ئاتىغان.

ئاشكارىلىنىشىچە ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردە يەنە، "رۇسىيە ھىندىستانغا 16 دانە يادرو رېئاكتورى ياساپ بېرىش" قاتارلىق تۈرلەر بار ئىكەن.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.