ئامېرىكا خىتايدا ئىشلەنگەن قۇياش باتارېيىسىگە ئاشۇرۇپ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن قۇياش باتارېيىسىگە 2.9% دىن 4.7% گىچە ئاشۇرۇپ تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلە بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى 5‏-ئايدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بۇ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئادەتتە خىتايدا ئىشلەنگەن قۇياش باتارېيىلىرىگە 20%‏ تىن 30% كېچە تاموژنا بېجى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇياش باتارېيىسى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرگە قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تاموژنا بېجىنى شۇ مىقداردا ئاشۇرۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى. ئەگەر بۇنداق ھادىسە خىتايدا يەنە داۋاملىشىۋەرسە، ئامېرىكا خىتايدا ئىشلەنگەن قۇياش باتارىيىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرۇپ باج ئېلىشى مۇمكىن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇياش باتارېيىسى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرگە قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىنى، سودىغا توسۇق قويدى دەپ ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت