تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشقۇرۇدىغان خىتاي ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا بۇلتۇر قىش ۋە بۇيىل ئەتىيازدا ھاۋا ئۇچتۇمتۇت ئىسسىپ، ئەمما ھۆل - يېغىن مېقتارى ئازلاپ قورغاقچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، 5 - ئايدىن باشلاپ تارىم دەرياسىغا قويۇلىدىغان ئېقىنلارنىڭ سۇ مېقتارى كۈنسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھادىسىنى تەبىئى ئاپەت دەپ چۈشەندۈرسە، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى، تارىختىن بۇيان ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا سۈيى ئۈكسۈپ قالماي كېلىۋاتقان تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ھازىر ئۈكسۈپ قالىدىغان بولۇپ قالغانلىقىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىىش سۈرئىتى تارىم ۋادىسىدىكى سۇ مەنبەلىىرىگە ماس كەلمىگەنلىكى بىر ئاساسلىق ئامىل، دەپ قارىماقتا.
