نامايىشچىلار باش مىنىستىر ئابىسىت ۋېججاجىۋا نىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدا كوچىغا قان چېچىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن قان ئاققۇزۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ھەربىي قىسىملارغا تايىنىپ تەختكە چىققان بۇ باش مىنىستىرنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بانكوكتا نامايىشقا قاتناشقا ئادەم سانى 100 مىڭغا يەتكەن. نامايىشچىلاردىن 10 مىڭ ئادەم پىداكارلىق بىلەن قان بەرگەن. توپلانغان قاننى 400 نامايىشچى باش مىنىستىر ئابىسىتنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدىكى يوللارغا چاچقان. تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تايلاند ھەربىي قىسىم ۋە ساقچى باش شىتابى باش مىنىستىر بىناسىنىڭ ئەتراپىغا 10 روتا قوراللىق قىسىم ئەۋەتكەن.
