خىتايغا غەربتىن تەبىئىي گاز ئەكېلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە پۈتمەي تۇرۇپلا بىر قىسىم تۇرۇبىلار چىرىپ كەتكەن

خىتايغا غەربتىن تەبىئىي گاز ئەكېلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭغا 2009‏-يىلى 4‏-ئايدا ياتقۇزۇلغان 15 مىڭ سۈپەتسىز تۇرۇبا ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.02

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مۇپەتتىش ئىدارىسى "غەربتىن تەبىئىي گاز ئەكېلىدىغان ئىككىنچى لىنىيىگە ياتقۇزغان تۇرۇبىلارنىڭ بىر قىسمى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدۇ"، "خىتايغا غەربتىن تەبىئىي گاز ئەكېلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭغا 2009‏-يىلى 4‏-ئايدا ياتقۇزۇلغان 15 مىڭ سۈپەتسىز تۇرۇبا ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خىتاي نېفىت شىركىتى يېقىندا بۇنداق تۇرۇبىلارنى ئالماشتۇرغان ۋە مەسىلىگە چېتىلغان كىشىلەرنى جازالىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايغا غەربتىن تەبىئىي گاز ئەكېلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى قورغاستىن باشلىنىپ 15 ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، گۇاڭجۇ ئارقىلىق داليەن، شاڭخەيلەرگە تەبىئىي گار يەتكۈزىدىغان 8 مىڭ 645 كىلومېتىرلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇنىڭغا 142 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. 2008‏-يىلى باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشنى2011‏-يىلىغىچە پۈتتۈرۈپ بولۇش پىلانلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.