خىتاي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر قاتارلىق جايلارنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىت شىركىتى يېقىندا 9 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى تورلاشتۇرۇش، كورلىدا بىر خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى قۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئىككى مۇھىم قۇرۇلۇشنى باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.01

«جۇڭگو سودا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئومۇمى مەبلەغنىڭ 2 مىليارد 9 مىليون يۈەنى كورلىدا قۇرۇلىدىغان خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىنىدۇ، قالغىنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇنى ئاساس قىلغان رايونلاردا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش تورى قۇرۇپ چىقىشقا خەجلىنىدۇ.

دائىرىلەر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 2012-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر شىركەت پىلانىغا ئاساسەن خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارغا 2500 كىلومېتىر گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، يۇقىرىقى ئۈچ رايوندىكى 88 % ئاھالىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلماقچى ئىكەن.

لېكىن، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2008- يىلدىن باشلاپ، قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون قىلىش قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈپ، شەھەر مەركىزىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلاردا بەزى گۇمانلاردىن قوزغاشتىن خالى بولالمىدى.

گۇمان قىلغۇچىلار مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنى گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن كۆپرەك، بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كۆچۈرۈلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

جۇڭگو نېفىت شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەت 2010-يىلى تارىم ئويمانلىقىدىن 5 مىليون 54- مىڭ توننا خام نېفىت، 18 مىليارد 100 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان.

مەزكۇر شىركەت 2020-يىلى خام نېفىت مەھسۇلاتىنى 40 مىليون توننا، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى 40 مىليارد كۈپ مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. لېكىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە گاز تۇرۇبىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بىلەن، ئۇلار ئۈچۈن تەبىئىي گاز تەننەرخىنىڭ قانداق بولۇشى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.