ئوباما ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانىنى ئالماشتۇرماقچى

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە مۇھىم رول ئوينىغان گېنېرال سامۇل لوكلىرنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.12.29

ئەگەر قارار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللانسا، گېنېرال سامۇل لوكلىر ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن باشلانغان پۈتۈن تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 300 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىدۇ.

گېنېرال سامۇل لوكلىر ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا ناتو بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ناپلېستا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانىدۇر. ئۇ لىۋىيىدىكى " ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون" نىڭ تەشكىللىنىشىدە رول ئوينىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر گېنېرال لوكلىر باش شتابى خاۋايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولسا، ئۇ ئاساس كۈچىنى خىتاينىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە شۇنداقلا شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىدىكەن.

ئوبامانىڭ لوكلىرنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا كۆرسىتىشى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئوباما تېخى يېقىندىلا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيىدە 2500 كىشىلىك ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ ھازىرقى قوماندانى گېنېرال روبېرت ۋىللارد 2009-يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.