تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

تەيۋەندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن پروفېسسورلار جەمئىيىتى قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار، 28-سېنتەبىر كۈنى تەيبېيدا تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.01

يىغىندا ھازىرغا قەدەر 58 تىبەتلىكنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغانلىق ۋەقەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋەقەنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسىنىڭ، خىتاي دېگەندەك دالاي لاما پەيدا قىلغان ئەمەس، بەلكى تىبەتلىكلەر دۇچ كەلگەن ئېغىز سىياسىي ۋە دىنىي بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا يەنە، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن لى دېڭخۇي ۋە چېن شۈيبيەننىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ دالاي لاما بىلەن ھازىرغىچە كۆرۈشمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ، تەيۋەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈچۈن نومۇس قىلىنارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەيۋەن خەلقىنى تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەلىپىنى قوللاشقا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىبەت مەسىلىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ئىككىنچى بىر تىبەت قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.