ئۇيغۇرلار گۇاڭدۇڭ قانلىق ۋەقەسىگە قارىتا دۇنيا خاراكتېرلىق نامايىش ئېلىپ بارماقچى

3 - ئىيۇل، جۈمە كۈنىدىن ئىتىبارەن شاۋگۇەندىكى قانلىق ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقچى. بۇ نامايىشلار ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

26 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە، ھازىرغىچە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ھاشىمجان ئەمەت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان يالغان خەۋەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ يالغان خەۋەر تارقىتىپ ۋەقەگە سەۋەب بولغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيدان ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇنىڭ مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ ھەقىقيى سەۋەبى ۋە ۋەقەنىڭ جىنايى جاۋابكارلىرىنى قولغا ئېلىپ جازالاش ھەققىدە ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلمىغان بولۇپ، ئەكسىچە قانلىق توقونۇشقا ئائىت خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلماقتا.

بۇ ئەھۋال ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق تەشكىلاتلارغا بۇ ھەقتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋەقە ھەققىدە خەت يوللاپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى ئېنىق مەلۇم قىلىشقا ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.