كىيىم - كېچەك شىركىتى ئۆزبېكىستاندىن پاختىلىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلانماقتا
2013.01.05
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ دائېۋۇ شىركىتى H&M گە پاختا تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاختىلىرى ئاساسەن ئۆزبېكىستاندىن كېلىدىكەن.
خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنى قۇلدەك ئىشلىتىپ پاختا يىغىدىغانلىقى، ئۆزبېكىستاندىكى پاختىزارلىقلاردا قۇرامىغا توشمىغان بالىلارنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، بۇلارغا بېرىلىدىغان ھەقنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكى ھەتتا بەزىدە ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ لار H&M شىركىتىنى بۇ خىلدىكى ئۇسۇلدا يىغىۋېلىنغان پاختىلاردىن كىيىم ئىشلەپ ساتماسلىققا ۋە ياكى بۇ خىلدىكى پاختا سودىگەرلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىققا چىرقىرىغان.
خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ پاختىزارلىقلىرىدا 200 مىڭىدىن 2 مىليونغىچە قۇرامىغا توشمىغان ئۆسمۈر ۋە بىر قىسىم قۇرامىغا يەتكەنلەر ناچار ئەمگەك مۇھىتىدا پاختا يىغىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.