رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدېف رۇسىيىدە "خىتاي شەھەرچىلىرى"نىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدېف رۇسىيىدە "خىتاي شەھەرچىلىرى"گە ئوخشاش بىر مىللەت ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2010.12.30
 يېقىندا كېرىمىلىن سارىيى رۇسىيىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان . يىغىندا پرېزىدېنت مىدۋېدېف سۆز قىلىپ، رۇسىيىدە "خىتاي شەھەرچىلىرى"نىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا مىدۋېدېف رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ مەلۇم بىر رايونغا توپلىشىۋېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىدەك "كىچىك شەھەرچىلەر"نى قۇرۇۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مىدۋىدېفنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيە ئامېرىكىدىن قالسا 2 ‏- چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ، رۇسىيىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا يېقىنقى بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن  مىللىي نىسبەتنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ رۇسىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 12‏- ئاينىڭ باشلىرى بىر رۇسىيىلىك توپ مەستانىسى بىلەن بىر كافكازىيىلىك كۆچمەن ئارىسىدا جېدەل چىقىپ، رۇسىيىلىك توپ مەستانىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى موسكۋادا رۇسىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

رۇسلار بىلەن كافكازىيىلىك كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ رۇسىيىدە كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ تالاش تارتىشنىڭ تۈرتكىسىدە موسكۋا ۋە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە قويۇلغان.
 
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدا رەسمىي"خىتاي شەھەرچىلىرى" قۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرى مەلۇم بىر رايونغا توپلىشىپ، ئۆز ئالدىغا جەمئىيەت شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.