خىتاي، ئوبامانىڭ پۇل ئابۇروتى ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلدى

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ نيىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا پۇل ئابۇرۇتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.24

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا نامزاتلانغان  تىموتى گېينېر تۈنۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتىدا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە 'پرېزىدېنت ئوباما خىتاي دائىرىلىرى پۇل ئابۇروتىنى كونترول قىلىۋالدى دەپ قارايدۇ' دېگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى تېخى ئاشكارىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھازىر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ناھايىتى بەك دىققەت قىلىۋاتقان ئىدى.

بۈگۈن خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇنيىڭ دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا رەددىيە بېرىپ 'ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ پۇل ئابۇروتى ھەققىدىكى گەپلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈشنى خاتا يولغا باشلىشى مۇمكىن'، 'ئامېرىكا ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى تەنقىت قىلىش كېرەك' دېگەن.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچىمۇ بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللارى كلىنتون بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ 'خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ سىلىق بىرتەرەپ قىلىنىشى'نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.