ئاق تاشلىق كىتابتا چەتنىگەن تېما: مىللىي مائارىپنى ۋەيران قىلىش ۋە قوش تىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ زىيىنى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-06-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
Yomiuri of AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان يەنە بىر تېما، نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ پەيدىن-پەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قوش تىللىق ئوقۇتۇش نامىدىكى مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى.

ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ھەقىقىي مەقسەت-نىشانى ھەققىدە توختالغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى ئەمەلىي پاكىتلار ئاتالمىش قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابقا ئوخشاش ئۆز سىياسىتىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتلىرىدا ھەر ۋاقىت بۇنداق نازۇك نۇقتىلاردىن ئاتلاپ كېتىش ياكى تىلغا ئالماسلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى 1-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىل، مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېگەن بايانلارنى بېرىپ، رايوندا خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز، موڭغۇل تىللىرىدا نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاب، گېزىت ۋە پروگراممىلىرى بېرىلىۋاتقانلىقىنى نەقىللەر بىلەن كۆرسەتكەن. ئەمما، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا ئىلگىرىكى يىللاردا تەشۋىقاتلىرىدا دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي تىل ھوقۇقى ۋە مىللىي مائارىپ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» ھەققىدىكى بايانلارنىڭ بېرىلمەسلىكى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ زور مەبلەغ سېلىنىۋاتقان ۋە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتابتا توختالماسلىقى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» نى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدا، ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە توختالماسلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1955-يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيىلىك قانۇندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى كاپالەتكە قىلىنىدىغانلىقى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل،تاجىك، رۇس تىلىدا ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنىپ، رايوندىكى مىللىي تىل مائارىپىنىڭ «يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيانقى تەشۋىقاتلىرىدا «مىللىي تىل يېزىق، مىللىي مائارىپنىڭ قوغدالغانلىقى» نى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئەۋزەللىك دەپ مەدھىيىلەپ كەلگەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن كېيىن قەغەز يۈزىدىكى بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق، مائارىپىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاشكارا يۈرگۈزۈۋاتقان ئانا تىل ۋە مىللىي مائارىپنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955-يىلىدىن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللىي مەكتەپلەر ۋە خىتاي تىللىق مەكتەپلەر دەپ ئېنىق ئايرىلغان. 2000-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» رەسمىي تەسىس قىلىنغانغا قەدەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە تىزىمغا ئېلىنغان مىللىي تىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر سانى 150 تىن ئاشقان، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا «مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا يېزىلاردا قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى 1000 دىن ئاشقان.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە 2000-يىلىدىن 2015 يىلغا قەدەر شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 41 مىڭ بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدىكى خەۋەر-ئانالىزلار كۆپەيگەن. 2017-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارلاق كېلەچىكى» ناملىق خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر تۈزۈمى مەدھىيەلىنىش بىلەن بىللە، بۇ خىل مەكتەپلەر ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ياتاقلىق قوش تىللىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ۋە تۇغۇلغان يۇرت-ماكانىدىن ئايرىۋېتىدىغان ۋە پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت مائارىپىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىدىغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ تەنقىدلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا 2009-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ يېزىلاردىكى مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى قىسقارتىش، مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خىتاي تىللىق مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىپ «قوش تىللىق مەكتەپ» لەرنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2009-يىلى 4-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە باشلانغان «يېزىلاردىكى مىللىي تولۇق تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى قىسقارتىش» شامىلىدا، پەقەت غۇلجا ناھىيىسىدىنلا يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىن 17 جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قىسقارتىلىپ، بۇ مەكتەپلەر كەسپىي مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ سەۋەبتىن غۇلجىنىڭ پەنجىم، بايانداي يېزىلىرىدا ئاتا-ئانىلار غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ كىرگەن، پەنجىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. 2009-يىلى 5-ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەھۋالنى ئىزاھلىغان.

بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا، 2-ئوتتۇرا قاتارلىق مەكتەپلەرگە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2010-يىلدىن باشلاپ يېزا تولۇق ئوتتۇرىلىرىنى قىسقارتىش جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئەھۋاللار رادىيومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ئىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر يەنە، 2010-يىلدىن كېيىن مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىش، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يۇقىرى مائاش بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويغان. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار» نىڭ ئايلىق مائاشى 6065 سوم دەپ بەلگىلەنگەن. جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «قوش تىللىق يەسلى» لەر 2017-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە كۆپەيتىلىپ 4370 كە يەتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ۋە بارغانچە ئازىيىپ يوقىلىش گىردابىدا قالغان مىللىي مائارىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ مەسىلىلەردىن چەتنەپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئانا تىل ۋە مىللىي مائارىپ ۋەيرانچىلىقى ھەققىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ئېچىلغان يىغىنلاردا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تىل، مائارىپ جەھەتتىكى بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت