ئامانلىق مۇدىرى: چەتئەلگە چىققانلار پۇشايمان سۆزى يازغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-10-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى». 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى». 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
xjakt.gov.cn

ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلىنغان يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە كونكرېت نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ ئاتالمىش كۇرسانت يەنى تۇتقۇنلار قايسى خىلدىكى تەكشۈرۈش ياكى سوئال-سوراقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا چەتئەلگە ساياھەت چىققانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ-ئۇچراشمىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار سوراقلار ۋە تەنقىد-تەنبىھلەردىن كېيىن، چەتئەلگە چىققىنىغا پۇشايمان باياناتى يازىدىغانلىقى ۋە پۇشايمىنىنى قانائەتلىنەرلىك ئىپادىلىمىگىچە قويۇۋېتىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى چەتئەلگە چىققانلارنىڭ قانداق سوراق-سوراقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەردىن مەلۇمات سورىدۇق.

كورلا قارا يۇلغۇندىكى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سابىق ساياھەتچىلەر ئالدى بىلەن چەتئەلدە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە سوراققا تارتىلىدۇ. ئارقىدىن كۆرگەنلىرى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. 

يەنە بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، چەتئەلگە چىققانلار تەربىيىلەش مەركىزىدە قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆز قىلمىشىنىڭ، ياكى تەسىراتىنىڭ ۋە ياكى بۇ تەسىراتىنى قولۇم-قوشنىلىرىغا بىلدۈرۈشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر كۇرسانتلار پۇشايمان باياناتى يازمىسا ۋە ياكى پۇشايمان ئىپادىسى يېتەرلىك بولمىسا، تاكى پۇشايمىنىنى دائىرىلەر قانائەتلەنگۈدەك دەرىجىدە يازغانغا قەدەر تەربىيىلىنىدۇ.  

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ دەم ئېلىشىغا، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىن ھۇزۇرلىنىشىغا، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ۋەسىلە بولۇۋاتقان سەيلە-ساياھەت ئىشلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ سانلىق كىشىلەرگە نېسىپ بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ پۇرسەت نېسىپ بولغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭدىن رىيازەت چەكمەكتە. يەنى سەيلە-ساياھەت ئىشلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاۋارىچىلىك، ھەتتا پالاكەتچىلىك ئېلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بەزى جايلاردا كىشىلەر چەتئەلگە ساياھەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغانلىقى ياكى پاسپورتىغا ۋىزا قويدۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ تۇتۇلغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردا تۇتۇپ تەربىيىلەنگەن 12 ياشلىق ئەمرۇللاھنىڭ ئىككى تاغىسى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە قاماقتا. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاش يېزىسىدىكى ئابدۇرېشىت جېلىل مالايشىيانى ساياھەت قىلغانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى ئوغلىنى كۆرگىنى بارغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت