ئۈرۈمچىدىكى «دولان» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.11.17
dolan-oqetchilik-cheklik-shirkiti.jpg ئۈرۈمچىدىكى «دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى» نىڭ لوگوسى.
Abduxélil Obulqasimning dosti teminligen.

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر ساھە بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش باھانىسىدىكى تەقىپلەش-تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردا رادىئومىزغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تۆھپىكار سەنئەتكار ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت تارقىتىشنى كەسىپ قىلغان كارخانىلارنىڭمۇ تەقىبگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار كەلمەكتە.

يېقىندا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەت كەسپىدىكى تۆھپىكار كارخانا دەپ نام بېرىلگەن «شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى» نىڭ دېركتورى ۋە قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئابدۇخېلىل ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئىز دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى، بىرىنچى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى دوستلىرى بىلەن بولغان ئۈندىدار ۋە باشقا تېلېفون ئالاقىسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئۇبۇلقاسىمنىڭ دوستلىرى يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن «دولان» شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قىلغان تېلىفونلىرىمىزمۇ ئۇلانمىدى. شىركەتنىڭ تور بېكىتىمۇ ئېچىلمىدى.

ئەمما ئۈرۈمچىدىكى «دولان» شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن بىر خادىم، دېركتورىنىڭ بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان خەۋىرى يوقلۇقىنى دەلىللىدى. ئۇ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىزمەت تۈرلىرى كۆپ ۋە خەلقئارالاشقان بىر شىركەت بولغاچقا، باشقا خادىملار شىركەتنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بەلگىلىك توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئابدۇخېلىلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان بولساقمۇ، ئەمما سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەمىنلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەدەنىيەت كەسپىدىكى تۆھپىكار كارخانا دەپ نام بېرىلگەن «شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى» 2003-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ شىركەت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق يولى 505-قۇرۇغا جايلاشقان بولۇپ، 200 ئەتراپىدا خىزمەتچى خادىمى بار ئىكەن. بۇ شىركەت ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئويۇن تەشكىللەش، كىنو-فىلىم ئىشلەش، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىش، كىنو قويۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت-سەنئەت كەسپى كارخانىسى ھېسابلىنىدىكەن.

«دولان» شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈچلۈك بولغان سەنئەتكارلار ۋە ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى، پىلانلىغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپلىگەن نادىر سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يورۇقلۇققا چىقارغان ئىكەن. بۇ شىركەت مەدەنىيەت تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسىلەرنى قوشۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا 2012-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.

«دولان» شىركىتى قارمىقىدا «دولان ئويۇن قويۇش مەركىزى»، «دولان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى مەركىزى»، «فىلىم ئىشلەش مەركىزى»، «مۇزىكا ئىشلەش-ئاۋاز ئېلىش مەركىزى»، «خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسى»، «ھايات غىزالىق چايخانىسى» قاتارلىق تارماقلار بار ئىكەن. بۇ شىركەت يەنە داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن باشقا ئابدۇرېيىم ھېيت، ئابدۇكېرىم ئابلىز، مۆمىنجان ئابلىكىم، خالمۇرات ئۆمەر، پولات تۇرسۇن، تاشمەمەت باتۇر قاتارلىق نەچچە ئونلىغان داڭلىق چولپانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغان، ئەل سۆيگەن داڭلىق چولپانلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ھەمدە تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلگەن.

6 ئايلار ئاۋۋال خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى يېقىندا ئاشكارىلانغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرېيىم ھېيتنىڭ ناخشا-مۇزىكا، ئۈن-سىن بويۇملىرىمۇ مۇشۇ شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپ تارقىتىلغان. ئەمما ئابدۇخېلىلنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقى تېخى ئېنقلانمىدى.

ئىلگىرى «دولان» شىركىتىنى قۇرۇشتا ئابدۇخېلىل بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلاردىن ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم، ئۆزىنىڭ ۋە «دولان» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى بار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورتاقلىرىنىڭمۇ ئابدۇخېلىل بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «دولان» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇ ساھەدە ئاز بولمىغان تۆھپىلىك خىزمەتلەرنى قىلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلق ئارىسىدىكى بىباھا سەنئەت بايلىقلىرىنى قېزىپ، ھەر يىلى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان 5-10 غىچە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى تەييارلاپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئويۇن تەشكىللەپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

«دولان» شىركىتى يەنە يېقىنقى يىللاردا چەتئەلنىڭ كاتتا فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە رەقەملىك كىنو ئىشلەش ساھەسىگە جىددىي تۇتۇش قىلىپ، كىنو ۋە ئۈن-سىن بويۇمىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىشتا تاراتقۇ ساھەسىدىكى باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن. يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدا رايوندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پروگراممىغا ئايلانغان «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» گە ئوخشاش دۇنيا مودا ئېقىمىغا ماس تەقلىدى ئۇنىۋېرسال پروگراممىلارنى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇتتۇر ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تالانت ئىگىلىرى، سەنئەتكارلارنىڭ بايقىلىشى شۇنداقلا تونۇلۇشىغا يول ئاچقان.

ئابدۇخېلىل ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە ئوتتۇر ئاسىيادىكى تونۇلغان بىر قانچە سەنئەتكار بىلەن ئالاقىلەشتۇق ئۇلارمۇ كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېركتورى ۋە قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئابدۇخېلىل ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولۇشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۇ ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ تېخى تەقدىرى ئېنىق بولمىغان، ئابدۇخېلىلغا زىيىنى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بەرگەن بىر ئۇيغۇر سەنئەتچى، «دولان» شىركىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور قاتارلىق ھەرخىل تاراتقۇلارنىڭ ئۆز-ئارا دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا «دولان» شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈرك سەنئەتكارلارنى «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» گە تەكىلپ قىلىش ھەققىدىكى پىلانىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇخېلىل بىلەن ئالقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان بۇ سەنئەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇخېلىل ئىككى ئاي ئاۋۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى سەنئەتكارلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەنئەت ساھەسىدىكىلەر يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارىنى قىزىللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقىدىن بېشارەت بېرىشنى ئالدىن دېيىشىۋالغانلىقى مەلۇم. گەرچە ئابدۇخېلىلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دوستلىرى 30-سېنتەبىر ۋە 1-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئابدۇخېلىلنىڭ ئۇدا قىزىل بايراق چىقىرىشىدىن، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئابدۇخېلىل بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئابدۇخېلىلنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز ئېلىپ كېتىلىشى «شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى» نىڭ خىزمەتلىرىنى زور بېسىمغا ئۇچراتقان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدىكى سەپداشلىرىنى، ئۇيغۇر تاراتقۇ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.