د ئۇ ق نىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا ئالىي رەھبەر، رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەر سايلاپ چىقىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.11.13
duq-2017-aliy-kengesh-2.jpg د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا (سولدىن ئوڭغا) د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem
duq-2017-aliy-kengesh-1.jpg

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا (سولدىن ئوڭغا) ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇري تۈركەل ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

duq-2017-aliy-kengesh-2.jpg

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا (سولدىن ئوڭغا) د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

duq-2017-aliy-kengesh-3.jpg

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

duq-2017-aliy-kengesh-4.jpg

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

duq-2017-aliy-kengesh-5.jpg

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رەئىس بولۇپ سايلاندى.

11-نويابىر د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامىسى بىرگە قارشى يۈزدىن ئارتۇق ئاۋازنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.

10-نويابىر باشلانغان بۇ يىغىندا، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئالىي رەھبەر بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. 11-نويابىر سايلامدىن ئىلگىرى، رەئىسلىك نامزاتى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلىدى.

دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلاپ سايلاش نەتىجىسىدە، د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 21 گە قارشى 78 ئاۋاز بىلەن ئۆمەر قانات ئەپەندىنى يېڭىپ، د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، زال ئىچىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى. كىشىلەر بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسىگە بولغان رازىمەنلىكلىرىنى ئىپادىلەشتى.

قازاقىستاندىن كەلگەن كۆزەتكۈچىلەردىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولغانلىقىنى ھەمدە بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى 20 ئارتۇق كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلاندى. تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە گېرمانىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. ئامېرىكادىن كەلگەن ئۆمەر قانات ئەپەندى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىغا رەئىس بولدى.

6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنىغا 19 دۆلەتتىن كەلگەن 140 ئەتراپىدا رەسمىي ۋەكىل، كۆزەتكۈچى ۋە مېھمان قاتناشقان ئىدى. قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن رىزا سەمىدى ئەپەندىمۇ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا يۈكسەك باھا بەردى. تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ يىغىننىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان، تەرتىپلىك، ئىنتىزاملىق بىر شەكىلدە ناھايىتى ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى دېموكراتىك سايلىمى نەتىجىسىدە 27 نەپەر ۋەكىل قۇرۇلتاينىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىغا ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىش بىلەن بىرگە، ھەربىر كومىتېت مۇدىرىغا ئۆز تەركىبىگە ئەزا قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى ۋە كومىتېتلارنىڭ 6 ئايلىق خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.