د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.10.18
duq-rehber-yawropa-parlament.jpg د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىغا كەلدى. 2017-يىلى 17-ئۆكتەبىر، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا 13-ئۆكتەبىر باشلىنىپ 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» دىن كېيىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى 16-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار 17- ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ۋە رايىن ئەپەندىلەر 17-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى ھېلگا خانىم، «شەرقىي ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى پاۋلو كاساكا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى.

18-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا پائال ھەرىكەت قىلماقتا.

بۇ ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەردە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان دىنىي بېسىملار، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەۋجۇتلۇق خىرىسلىرى، خىتاينىڭ بۇ قەدەر زوراۋانلىقى ۋە ئىنسانىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىغا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا نىسبەتەن ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشى ۋە ئىنكاس بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىندى.

بۇ ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتلەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم خادىملىرى بىلەن 20-ئۆكتەبىرگە قەدەر ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

19-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن ھەمدە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ چۈشەنچە بەردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار 21-ئۆكتەبىر ئىتالىيە پايتەختى رۇمغا بېرىپ، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە نامايىشلارغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.