چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل-چارىلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.08.06
erkin-ekrem-qerindashliq-uchrishish.jpg دوكتور ئەركىن ئەكرەم 6-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىندا سۆز قىلدى. 2014-يىلى 5-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

6-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ، غايە-مەقسەتلىرىنى ئېنىق بەلگىلەش، سىياسىي، ئىستراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنى پىلانلاش، تەشكىللىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىش جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 3-كۈنى يەنى 5-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا، ئىچكى ‏- تاشقى كۈچلەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىياسىي جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا»، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى ئۇيغۇر دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم، «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىنىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئىدارە تۈزۈمى» دېگەن تېمىدا، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەۋۋاب تەكرۇمى«پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا» سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە سوئال-سوراش، پىكىر-تەكلىپ بېرىش ۋە تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش داۋاملاشتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن چەتئەللەردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان پەرقلەرنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان پەرقلىرىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ۋەتەن ئىچىدىكى سىياسىي پائالىيەت خەلقنى قوزغايدىغان بىر ھەرىكەتتىن ئىبارەت. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلغانلارنىڭ ئورنى، مەيدانى، ھەرىكەتلىرى بىلەن چەتئەلدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئورنى، مەيدانى، ھەرىكەتلىرى ئوخشىمايدۇ، يەنى باشقىچە بولىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتناشمايدۇ، چەتئەللەردە پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئۇيغۇرلار سەرخىللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ داۋاسىنى قىلىش. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار شۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىرگۈزۈشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈلگەن تەقدىردە، ئۇ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى شۇ بويىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش، يەنى نامايىش قىلىش، يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق پۈتۈن ئۇسلۇبلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكىر ئى پەيدا قىلىش كېرەك. جامائەت پىكرى شەكىللەنگەندىن كېيىن بۇ، مەجلىسكە ۋە ھۆكۈمەتكە بېسىم بولىدۇ. ھۆكۈمەت جامائەت پىكرى بىلەن ماڭىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا شۇ دۆلەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار چوقۇم ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىر قانچە يولنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ھەقتىكى مىساللارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، ۋەتەن ئىچىدىكى كىشىلەر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى ئازاد قىلىش. بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل بولۇپ قالغاندا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار مەنچە ھەرگىزمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى رەئىس ۋە مىنىستىر بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

ئازادلىقنىڭ يەنە بىر ئۇسلۇبى بولسا، خەلقئارا جامائەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى دەپ تەخمىن قىلىدىغان بولساق، خىتاي بېسىمغا چىدىيالماي شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلارغا بېرىۋېتىشنى خالىسا، چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئۆزى يېتىشتۈرگەن، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن تاشلاپ چىقىدۇ، ئۇ ئادەملەرمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى رەئىس ياكى مىنىستىر بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

ئۈچىنچى خىل ئۇسلۇب بولسا، مەسىلەن، خىتاي پارچىلىنىپ كەتتى دېگەندە، شەرقىي تۈركىستانمۇ ئايرىلىپ چىقىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكىگە ئوخشاش ھازىرقى ھاكىمىيەت شۇ پىتى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدۇ. ئۇلارمۇ ھەرگىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى چاقىرمايدۇ. سىياسىي مەنپەئەتكە كەلگەندە ھېچكىم ھېچ كىمگە يول قويمايدۇ، سىياسەت قانسىز بىر جەڭ، جەڭ قانلىق بىر سىياسەت، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردىكى رەھبەرلەر ياكى كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا رەھبەر بولىمەن دەيدىغانلار چوقۇم پۈتۈنلەي پىداكارلىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك. بىر ۋەتەن، بىر مىللەت ئىشىنى، ئانا بالىغا كۆيۈنگەندەك بەدەلسىز ئىشلىشى لازىم.

‏-چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ، بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئاكتىپ بولسىمۇ، بىر قىسىم تەشكىلاتلار پاسسىپ ھالدا تۇرماقتا،‏- دوكتور ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىزمەت - پائالىيەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئاجىزلىقى ھەققىدە توختىلىپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى،‏- چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق قىلىشتا ئاجىز بولۇۋاتقانلىقىنى يەنى پائالىيەتلەردە نەتىجە قازىنىشتا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىر نىشان، بىر غايە ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئوخشاش ۋاقىتتا ئاۋاز چىققاندا، نامايىش قىلىنغاندا، باياناتلار ئېلان قىلىنسا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقىلى بولىدۇ ۋە خىتايمۇ بۇنىڭدىن چۈچۈيدۇ.

ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، تەشكىلاتلارنىڭ نىشانى ئوخشاش بولسىمۇ، قوللانغان ئۇسلۇب ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە نىشان ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلاتلار بىرلەشمىگەن تەقدىردىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىم، دېدى.

ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ غايە-نىشان، پروگراممىلىرى ۋە يول خەرىتىلىرى تولۇق ئەمەس ۋە ياكى يازغان پروگراممىسى باشقىچە، ماڭغان يولى باشقىچە بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىردەك نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن 10-20 يىللىق پىلان تۈزۈشى لازىم، دېدى.

ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تەكلىپ پىكىر بېرىپ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار پائالىيەت قىلىدىغان سىياسەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى، ئۇيغۇر داۋاسىغا ماس كېلىدىغان بىر سىياسەت بەلگىلىشى، تەشكىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشى كېرەك. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، بىرلىكتە بايانات بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كۈچ پەيدا قىلىدۇ، خىتايغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، تەسىر يەتمىسە قىلغان ئىشنىڭ مەناسى بولمايدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئورتاق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا نەتىجە ئالالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە پىكىر قىلىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىش، تەشكىلاتنىڭ غايە- مەقسىتى ئېنىق بولۇش، مىللەتنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بىر غايە بولۇش، غايىنى نىشانغا ئايلاندۇرۇش، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىش كېرەكلىكىنى، بىر ئىدىيە يارىتىش، بۇ ئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى ھاسىل قىلىدىغان، خەلقئارا قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىدىيە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە يەنە، خىتاي ئىستىخباراتىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلەر دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.