ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.09.01
Exmetjan-uch-wilayet-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ، ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯨﻜﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻘﺎﻗﺒﻪﻙ.
RFA Archive

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق 5 كىشىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ، ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىق كىشىلەرنى «ئەينى چاغدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئەھۋالدا تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىپ، توغرا مەيداندا تۇرغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنى توغرا يولغا سالغان» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەركىزى شەھىرى‏-غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئەمەلدارى دېڭ لىچۈن يىغىنغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا بولسا «ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق قۇربانلار مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇشىغا زور تۆھپە قوشتى» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سۆھبەت يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن، دېڭ لىچۈن قاتارلىقلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بەرگەن باھاسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ئىنقىلاب، تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقەلەرگە قانداق باھا بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى كۈرىشى داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ 18‏-ئەسىردىكى ئايال مىللىي قەھرىمانى، كىچىك غوجا، غوجا جاھاننىڭ خانىشى-«ئىپارخان»نى مانجۇ خاقانى چيەن لوڭغا كۆيۈپ قالغان توقال قىلىپ تەسۋىرلەپ، كارتون فىلىم ئىشلەشكە باشلىغان. بۇ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ فىلىم تارىخنى بۇرمىلىغانلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلغانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پىكىر ئىختىلاپى قانچىلىك چوڭقۇر ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئەخمەت ئەپەندى بىر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەڭچىسى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 9 ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۈزگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى: ئەخمەت ئەپەندى ئۇ مۇستەقىللىق جەڭچىسى. ئۇ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولۇشىغا كۈچ چىقارغان. مەسىلەن، 1945‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى ئېلان قىلغان 9 ماددىلىق خىتابنامە ئاساسەن ئەخمەت ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. چۈنكى، 1944‏-يىلى ئۇ ق ق كۇلۇبىدا ئېلان قىلىنغان 5 ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. ئەخمەت ئەپەندى خىتاپنامىغا شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىدە خىتاي مۇستەملىكە تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلىش، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىدىيەسىنى كىرگۈزگەن. ئەمدى كېلىشىم مەسىلىسى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق مەجبۇرلىشىدا بولغان نەرسە. ئەمما ئەخمەت ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنگەن، كېلىشىم ئارقىلىق پۈتكۈل دۆلەتنى قۇتقۇزىمىز، دېگەن ئىدىيىدە بولغان. مۇنداق ئېيتقاندا ئۇ پۇرسەت كۈتىدۇ. ئەڭ ئاخىرى، ئۇلارنىڭ موسكۋاغا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئەخمەت ئەپەندى، ئىسھاقبېك، دەلىلقان، ئابباسوپ قاتارلىق كىشىلەرنى خاتىرىلىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ۋە قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەخمەت ئەپەندىلەرنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە بايرىقىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىزدە ھازىر خىتاي ئەڭ تىرىشىۋاتقان نەرسە، بىزنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك بايراقنى تارتىۋېلىش. 1944‏-ۋە 1949‏-يىلدىن بۇياققا بىر سىمۋوللۇق كۆۋرۈك بار. ئۇ نېمە دېسىڭىز، ئەخمەت ئەپەندى 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شۇ رېئاللىقنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى سايلام ئارقىلىق بەلگىلەش، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۈگۈنمۇ شۇ مەنتەقە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ھەرىكەتنىڭ ئاساسىدىمۇ شۇ ئىدېئولوگىيە ياتىدۇ. كوممۇنىستىك خىتاي بىزنى بېسىۋالغان، بىز ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز دېگەن بۇ ئىدىيە، كوممۇنىستىك خىتاي ئۈچۈن ئەڭ دەھشەتلىك ئىدىيە. ئۇ شۇ ئىدىيەدىن ياندۇرۇۋېتىشى كېرەك بىزنى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەر -بۇ يەردىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش ئەڭ قۇلاي. خەلقئارا پرىنسىپ بويىچە كېتىۋاتقان بىر كۈچنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ خەلقئارا مەسىلە.

بىراق 1946‏-يىلى 6‏-ئايدا غۇلجا-نەنجىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 11 بېتىملىق كېلىشىم ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى بەزى زىيالىي ۋە تارىخچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق 11 بېتىم ۋە ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ جەرياندىكى ئوينىغان رولى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋە تارىخچىلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قاھار بارات ئەپەندى، بۇ قاراشتىكى زىيالىيلارنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى، ئەخمەتجان قاسىمى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىدىن چىقىپ باقمىغان. شۇڭلاشقا، بۇ ستالىننىڭ بۇ 3 ۋىلايەتتە ئىنقىلاب قوزغىغاندىن تارتىپ ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ كىم بىلەن بىرلەشتۈرۈش، دەسلەپتە گومىنداڭغا، كېيىن كومپارتىيىگە بىرلەشتۈرۈش بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى شۇ موسكۋادا بەلگىلەنگەن. شۇ موسكۋانىڭ سىياسىتىنى ئەخمەتجان قاسىمى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغان.

بىراق، ئەخمەت ئەپەندى مەسىلىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق كۆرۈشىدىكى ئىجابىي رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىدا مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949‏-يىلى 8‏-ئايدا بېيجىڭغا ئۇچۇشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش، بېيجىڭغا بارغاندا قانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە قانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.

قاھار بارات مۇنداق دېدى: ستالىن گومىنداڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، يەنئەننى يەكلىگەنلىك خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، بىزنى سوۋغات قىلىپ كوممۇنىستلارغا ساتتى. ئەسلى ماۋ زېدوڭنىڭ 1950-1951-يىلى شىنجاڭغا كىرىش پىلانى بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك قاتارلىقلارنىڭ بىز ئىنقىلاب قىلدۇق، بىزگە ھېچ كەم دېگەندە بىزدە سوۋېتنىڭ جۇمھۇرىيىتىچىلىك شتات بېرىلىشى كېرەك، دېگەن تەلىپى بولغان. بۇنداق بوينى قاتتىق تەلەپلەرنى قويغان كىشىلەرنى بېيجىڭغا ئەۋەتىشكە ستالىن قەتئىي قارشى تۇردى. شۇڭا ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈردى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك، دەلىلقان، ئابدۇكېرىم ئاباسوپ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ 1949‏-يىلى 8‏-ئايدا بېيجىڭغا سۆھبەتكە كېتىۋېتىپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى ئىركۇتىسكىي ئەتراپىدا ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئۇلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلىكىگە ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن. 1991‏-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە نۇرغۇن ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەخمەت ئەپەندىلەرنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا دائىر ئارخىپلار يەنىلا ئاشكارىلانمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.