قەشقەرنىڭ ياپچان يېزىسىدا خىتاي سېكرېتار گې بىڭ ھېيت نامىزىدا مەسچىتتە سۆز قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-07-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەسچىت. 2011-يىلى نويابىر.
قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەسچىت. 2011-يىلى نويابىر.
RFA/Mehriban

خىتاي دائىرىلىرى مەسچىتلەرنى ئىدارە قىلىشتا ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرى ئىشەنگەن دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر كادىرلاردىن پايدىلىنىپ كەلگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان مەسچىت قورۇسىنى كۆزىتىش ۋە ۋە مەسچىت ئىچىنى نازارەت قىلىشتا، كونا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەنلا چەكلەنمەي، خىتاي كادىر ۋە ئەمەلدارلىرىنىمۇ مەسچىتتە ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. كەنت سېكرېتارىنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ياپچان بازار 8-كەنتىنىڭ خىتاي سېكرېتار گې بىڭ، بۇ يىللىق ھېيت نامىزىدا مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە مەسچىت ئىچىگە كىرگەن ۋە ھەتتا ئىمامدىن بۇرۇن سۆز قىلغان.

كورلادىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كورلادىكى مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان، بۇلارنىڭ بىر قىسمى كەنت ۋە يېزا كادىرلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 6 نەپەردىن ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككى نەپىرى خىتاي.

قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزا 8-كەنت مەسچىتىدە خىتاي كادىر مەسچىت ئىچىنى نازارەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئالاقىدار قائىدە-يوسۇنلار ھەققىدە سۆز قىلغان. مەزكۇر مەسچىتنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىدا خىتاي سېكرېتار گې بىڭ مەسچىت خاتىبىدىن بۇرۇن سۆز قىلغان.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن، خىتاي سېكرېتار گې بىڭنىڭ مەسچىتكە كىرگەنلىكى ۋە خاتىپ سۆزلەشتىن ئاۋۋال بەزى قائىدە-تۈزۈملەر ھەققىدە گەپ قىلغانلىقى مەلۇم، ئەمما، ئېنىق ھالدا نېمىلەرنى دېگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تېخىمۇ كۆپلەپ نەپرەت ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئىجرائاتلار داۋامىنىڭ رايون مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت