قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا ئىگە-چاقىسىز قالغان بىر قىسىم بالىلار مەكتەپ ۋە يەسلىلەر تەرىپىدىن «بېقىۋېلىنغان»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-10-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى». 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى». 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
xjakt.gov.cn

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغان يېپىق «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» جەمئىيەتتە زور بىر تۈركۈم كىچىك بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا ئىگە-چاقىسىز قالغان بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ بەزىلىرى يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ، يەنە بەزىلىرى يەسلىلەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن جەرياندا بەزى ئائىلىلەردىن ئەر-ئايال، بەزىلىرىدىن قېرىنداش ۋە ئاتا-ئانىلىرى قېتىلىپ ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نارەسىدە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، تۇتقۇندىن كېيىن ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللىدۇق. 

قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى. بىز، ئۆتكەن يىلى قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم بىناسىغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمچىلارنىڭ يېزىسى بولغان ياۋا يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. يېزىلىق ساقچى خادىمى زور بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ يېپىق «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» سەۋەبلىك ئىگە-چاقىسىز قېلىش ھادىسىسىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما بۇ ھەقتە سانلىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

جۈمە-بازار كەنتىنىڭ ساقچىسى، تەربىيىلەشكە ئەر-ئايال ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىككى تۇغقانلىرىغا بېقىشقا بېرىلگەنلىكىنى، پۈتۈنلەي ئىگە-چاقىسىز بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

بىز ئارقىدىن ياۋا يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم كەنت سېكرېتارلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. قوداي كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز كەنتىدىن 7 نەپەر ئىگە-چاقىسىز بالىنىڭ يەسلىدە بېقىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. بېقىلىۋاتقان بالىلارنىڭ 2 ياشتىن 4 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ سېكرېتار، زىيارەت قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا، جۈملىدىن ئىككى ياشتىن كىچىك، يەنى قۇچاقتىكى بوۋاقلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. 

مەزكۇر كەنتتە 7 كىچىك بالىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىلا ئەمەس، بوۋا-مومىسى ۋە تاغا-ھاممىلىرىنىڭمۇ قاماق ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋا يېزىسىدا 22 كەنت، 30 مىڭچە نوپۇس بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت