مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر: «ئۇيغۇرنىڭ ھەر قاندىقى خىتايغا دۈشمەن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-04-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات-تەرغىبات ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-نويابىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات-تەرغىبات ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-نويابىر، ئۈرۈمچى.
xju.edu.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە يۇقىرى بېسىم پوزىتسىيىسىدە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇش» نى ئىزچىل تەكىتلەپ، ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، دېگەن باھانىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆز پېتىچە ئىجرا قىلمايۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تازىلاش ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىلا ئەمەس ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرۈشكە قىستاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپلا قالماي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە ئىپادىسىنى تاپماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنداق قاتتىق بېسىم سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان ۋەزىيەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى سۈكۈتتە تۇرماسلىققا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا چاقىرىق قىلماقتا.

تور دۇنياسىدا بۇ ھەقتە كۈچلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى ئادىل ئابدۇغۇپۇر، گېرمانىيەدىكى زىبىبۇللا ئابلا ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت