چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (6)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.21
cheklengen-isim-tizimlik.jpeg خوتەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزا توخۇلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى چىقارغان «چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى».
Social Media

مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە قويۇۋاتقان بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇق بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2015-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا قاراشلىق توخۇلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى تۇنجى قېتىم چىقارغان «چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى» ناملىق بىر ئۇقتۇرۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان ئىدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئوغۇل بالىلارغا «سادام، ئارافات، مۇجاھىت، ھۈسەيىن، سەيپىدىن، سەيپۇللا، نەسرۇللا، شەمشىدىن» قاتارلىق ئىسىملارنى، قىزلارغا «مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئايشە، فاتىمە، خەدىچە» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىلىق ساقچىخانىسى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەقتىكى ئىچكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ ئاخۇنۇملارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نىيە ناھىيەسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالمۇ ئۆز ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ئۇ كەنت ساقچىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «مۇسلىمە» ئىسىملىك قىزىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.

2016-يىلى 8-ئايدا چېن چۈەنگو تىبەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ داشقازىنىدا ئېرىتىپ تۈگىتىش پىلانىنى تېزلەشتۈردى.

خوتەن ئىلچى ساقچىخانىسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋىلايەت تەۋەسىدىكى 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ «مۇسۇلمانچە چەكلەنگەن ئىسىم» لارنى دەرھال ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ» دېدى.

رۇقىيە تۇردۇش خانىم يەنە، دۇنيادا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسىم-فامىلە سىستېمىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن تۈركلەر، مالايشىيالىقلار، ھىندونېزىيەلىكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىسلامى كىملىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خىتايدا خىتايچە ئىسىم قوللىنىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىسلامى كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاينىڭ مەيلى تىبەتتە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن، نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان ئەشەددىي شوۋېنىستىك مىللەتلەر سىياسىتى، تېخىمۇ بىۋاسىتە قىلىپ ئېيتقاندا، يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى مۇقەررەر ھالدا قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە كونترول قىلىشتەك قاتتىق قول سىياسىتى تارىختىكى ھەرقانداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقى خۇددى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىلارنى مىللەت سۈپىتى بىلەن ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئويغاتقىنىدەك، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەشەددىي زۇلۇمىمۇ ئۇيغۇرلارنى ھامان ئويغىتىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.