ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.04.24
abdullah-abdulrahman-alim.jpg ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى، باش ئەلچى ئابدۇللاھ ئابدۇل راھمان ئالىم
Photo: RFA


ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 23 - ئاپرېل خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايغا 4 كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى، باش ئەلچى ئابدۇللاھ ئابدۇل راھمان ئالىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن 22 - ئاپرىل ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان، ئۇلارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر كۈتۈۋالغان.

ئۇچرىشىشتا شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېگەن : «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ، دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى پۇقرالار ئۆزى تاللايدۇ، بۇنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. دىنىي ساھەدىكى زاتلارمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.»

ئابدۇللا ئالىم مۇنداق دېگەن : «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئۆز - ئارا زىيارەتنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇ يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم مەخسۇس جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش زىيارەتتە بولغانلىقىنى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسى ۋە زىيارىتىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ قېتىملىقى، مەزكۈر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇشى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى 2010 - يىلى - 6 ئايدا ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بېيجىڭدا قايتىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنىي ھوقۇقلىرى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى خەلقارالىق مەتبۇئاتلاردىن تارتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغۇدەك بىر مەسىلىگە ئايلانغان بىر پەيتتە، مەزكۈر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا قايتا ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن ئىجابىي نەتىجە كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان ئىدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «شىنجاڭ بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلقئارالىق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ رايونغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ مەن ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ سۈكۈتتە تۇرغان بولۇشى مۇمكىن» دىگەن ئىدى .

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1969 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ 57 دۆلەت ئەزاسى بار بولۇپ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنى بىر ئارىغا جەم قىلغان بىردىن - بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى شۇنداقلا دۇنيادا سىياسىي پائالىيەت قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات. تەشكىلاتنىڭ مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.