ئىستانبۇلدا 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.09.22
Ablet-Turan-akademiye-yighini.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى سۆزدە. 2014-يىلى 19-سېنتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن 16 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، دوكتور، پروفېسسورلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەسى بويىچە دوكلات سۇندى.

يىغىن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇ سۆزىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ۋە يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 6-نۆۋەتلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور پروفېسسورلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەڭ مۇھىمى ئۆز-ئارا تونۇشۇپ خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا بۇ يىغىن ئارقىلىق دوكتور ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى نامايان قىلىش، بىلىم چۈشەنچىلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا، «ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئىسلام مائارىپى »دېگەن تېمىدا، ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى، «ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈش»، دېگەن تېمىدا، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن دوكتور ئەزىز ئەيسا، «تور ئارقىلىق ئىسلاملىشىش ۋە ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە توردىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر»، دېگەن تېمىدا، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد، «لوند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر مارشلار توپلىمى» دېگەن تېمىدا، تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇلھەمىت قاراخان، «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى»، دېگەن تېمىدا، ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور رىشات ئابباس، «پەن-تېخنىكا ۋە پۇرسەت» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تىلشۇناس تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز،« ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىش» دېگەن تېمىدا، قازاقىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي، دوكتور يادىكار غەنىيۇۋ، «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ رىقابەت قابىلىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى»، دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامالخانىم، «ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخسلەر» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆز كەسپى ساھەلىرى بويىچە سۆز قىلدى، ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا جەمئىي 16 كىشى ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەلىرى بويىچە ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش، پىكىر-ئالماشتۇرۇش، خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش ۋە ئاخىرىدا بىرلىك ھاسىل قىلىشقا شەرت-شارائىت يارىتىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكىدىن كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى غولامىدىن پاختا ئەپەندى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، بۈگۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دەل 65 يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بەزى مەنبەلەردە، كوممۇنىست قىزىل ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندە چەتئەللەرگە كۆچكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار سانىنىڭ 11500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدىن كەلگەن يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، «لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما ئەسەرلەر-مارشلار» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخىپىدا 1933 ۋە 1934-يىللاردا يېزىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر يۈرۈش مارشلارنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە بۇ مارشلارنى ئىزاھلىدى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى سۆزىدە، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ۋە قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتىپ، ئەگەر بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار بولسا، ھەر قاچان ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران، ئۇيغۇر زىيالىي مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كەلگۈسىدە بۇ ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنداق ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يىغىنغا يۇقىرى باھا بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.