رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.06.23
rabiye-jenwe-yighin.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014-يىلى 19-ئىيۇن، جەنۋە.
RFA

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەنۋەدە ئېلىپ بارغان 6 كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېلىپ بارغان 6 كۈنلۈك پائالىيىتى ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقىنىڭ، ئۇيغۇرلار ب د ت دىكى ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق ھەيئىتى ب د ت دا چاقىرىلغان ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاننىڭ سىرتىدا يېن 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 3 تەرەپ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مىسال بىلەن ئاڭلاتتى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى جۈمە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەزى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ب د ت نىڭ پەقەتلا بىر قانچە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنلا ئۇچراشقانلىقى، ھازىر بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ئاياللار كومىتېتى، بالىلار كومىتېتى، مۇساپىرلار كومىتېتى، تەن جازاسى مەسىلىلىرى كومىتېتىغا قاتارلىق كۆپلىگەن كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.