خوتەندە سىياسىي سېلىق-بايراق سېتىۋېلىش

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.11.13
qizil-bayraq-xitay-teshwiqati-1.jpg مەلۇم يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورما ئورۇۋاتقاندا قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى ياز.
Oqurmen teminligen

خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا، مەسچىتتىن تارتىپ، ئىدارە-ئورگانلار ۋە ھەتتا ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىگىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆيىگە قىزىل بايراق ئېسىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سۈنئىي قىزىل مەنزىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارغا بايراق سېتىۋېلىش سېلىقى سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى چوڭ كىچىك ئىمارەتلەرگە، ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئاممىۋى پائالىيەت ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى، مەكتەپلەر قاتارلىق ھېچ بىر جاي ئالا قويماي ئېسىلغانلىقى مەلۇم. بۇ خىل قىزىل مەنزىرە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم ئىدى.

گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايراق چىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەجبۇرىي بايراق چىقىرىشقا تەشكىللەپ، بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يىللاردىن بۇيان كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ مەسچىتكە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا ۋە ئۆگزىلىرىگىچە ئېسىلىشى بىنورمال بىر ھادىسە سانىلىدىكەن. يېقىندا تېخى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى خوتەن خەلقىنىڭ قىزىل بايراققا بولغان ساداقىتى ھەققىدە مەخسۇس بىر تەشۋىقات فىلىمنى تارقاتقان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلار ئەڭ قاتتىق يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي مۇھىتىدا ياشاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە يەنە خىتاي دۆلەت بايرىقىغا ساداقەتمەنلىكنى ئىپادىلەشكە تەشكىللىنىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىر تەرىپى، دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت بايراقلىرىنى ئېسىش بەلگىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ بايراقلارنى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىشى بەلگىلەنگەن ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ قىزىل مەنزىرىنىڭ بەرپا قىلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن دىيارىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

خوتەن ئىلچى يېزىسىدىكى مەلۇم بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بايراق ئاسقانلىقىنى، بايراقنى كەنت دائىرىلىرىنىڭ 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا ئېسىش ئۈچۈن سېتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما تېلېفون بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۈزۈۋېتىلىپ، قايتا ئۇلانمىدى.

خوتەن ئىلچى يېزا پارتكوم ئىشخانىسىغا ئۇلانغان تېلېفونىمىزغا بىر ئۇيغۇر خادىم جاۋاب بەردى، دېھقانلارنىڭ بايراقنى كەنتتىكى ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان مەخسۇس ئورۇندىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

خوتەن ئىلچى يېزىسىدىكى بىر دۇكاندار قىزنىڭ ئىنكاسلىرىدىن نۆۋەتتە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېسىشنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن سىياسىي ۋەزىپە بولغاندىن سىرت يەنە بىر تۈرلۈك يېڭى سېلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە دائىرىلەر خىتاي دۆلەت بايرىقىنى سېتىۋېلىشنى ھەر بىر ئائىلىگە، ئوقۇغۇچىغا ۋە دۇكاندارلارغا ۋەزىپە قىلغان بولۇپ، بايراقنى سېتىۋېلىشقا مەخسۇس ئورۇنلار بەلگىلەنگەن. ئوقۇغۇچىلار قولىدا كۆتۈرىدىغان بايراق 10 سومغا، ئائىلىلەر، دۇكان ۋە رېستورانلارغا ئېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بايراق 30 سومغا، ئىدارە-ئورۇنلارغا ئېسىلىدىغان چوڭراق بايراقلار 100 سومغا قەدەر سېتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن دىيارى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈۋاتقان شۇنداقلا ئەڭ نامرات ۋىلايەت ھېسابلىنىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلغىچە نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىماقچى بولغان بۇ ۋىلايەتكە، ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ئادالەتسىز سېلىقلارنى بىكار قىلىشنىڭ ئورنىغا، يەرلىك ئاممىغا بايراق سېتىۋېلىشنى مەجبۇرىي ۋەزىپە قىلغانلىقى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئۆزىنىڭ نارازىلىقى ياكى ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بىر ئىلچىلىق قىزنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بايراق سېتىۋالمىغانلار ياكى ھويلىسىغا ئاسمىغانلار ھەتتا «رادىكال » سانىلىپ جازالىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن بايراق ئېسىش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلچى يېزىسىغا مەخسۇس بايراق زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ بۇ بايراق زاۋۇتى ئىلچى يېزىسىدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان «كروران» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك زاۋۇتى پېچەتلىنىپ، شۇنىڭ ئورنىغا سېلىنغان. زاۋۇتقا جېجاڭلىق بىر خىتاي سودىگەر مەبلەغ سالغان، زاۋۇتنىڭ 20 ئەتراپىدا خىتاي ئىشچىسى بار بولۇپ، بايراق ياسايدىغان خام ئەشياسىنىمۇ يىۋۇدىن كىرگۈزىدىكەن.

2016-يىلى خىتاي ئېلان قىلغان نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 440 مىڭدىن ئاشىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار 97% نى تەشكىل قىلىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىق تىزملىكىدىكى نوپۇس 924 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلار نىڭ 33.5% نى ئىگىلەيدۇ. خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت. خوتەن نامراتلىق ئەڭ ئېغىر جاي بولۇشىغا قارىماي، تۈرلۈك يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەر ئەڭ جىددىي ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان جاي ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.