ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «داھى» لار كۆلەڭگىسى ۋە مىللەتلەرنىڭ «ئىتتىپاقلىقى» (1)
2017.04.11
ئۇيغۇرلار دىيارىدا يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقات پائالىيىتى 2017-يىلى يېڭىچە تۈس ئېلىپ، بېيجىڭدىكى «ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمى» نى بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭ باشلىق خىتاي رەھبەرلىكىنى چوڭقۇر ھىمايە قىلىدىغانلىقى، خىتايلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغانلىقىغا ئائىت تەشۋىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
بۇ يىل مارت ئېيىدا خىتايدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغان مۇنداق بىر مەنزىرە بار: بۇ يىل مارتتا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا بىر رەسىم كۆرسىتىدۇ. رەسىمدە دېھقان ئۈلگە «قۇربان تۇلۇم» نىڭ خىتاينىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدوڭ بىلەن قول ئېلىشقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. شى جىنپىڭ بولسا مۇشۇ ۋەكىل ئارقىلىق قۇربان تۇلۇمغا قىزغىن سالام يوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆھبەت جەريانىدا شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە» دېگەن تەمسىل ئارقىلىق خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاق ۋە ئىناق بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە بۇ خىلدىكى مىللىي سىياسەتنى قەتئىي داۋام ئېتىشنى ئالغا سۈرىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاخباراتتا «چوڭ خەتلىك خەۋەر» گە ئايلىنىشى دېيىش مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى تۇنجى قېتىملىق ۋەقە بۇ يىل چاغان بايرىمى ھارپىسىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان يازغان خەتكە جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت يازغانلىقى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلار ئارىسىدا مەزكۇر «جاۋاب مەكتۇپ» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئېلىشقا يۈزلەنگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» شامىلى قۇربان تۇلۇم، ماۋ زېدوڭ ۋە شى جىنپىڭ ئوبرازلىرى بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا يۈزلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن سۆزى ھەرقاچان جور بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 20-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ئەبەدىي ئېچىلغاي!» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بۇ پائالىيەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
بىز خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويغىلى يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ھازىرقى كونكرېت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىش مەقسىتىدە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق كۇچا ناھىيىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئۈلگىسى دەپ نام ئالغان نامرات دېھقان مەمەت قاسىم بوۋاينى تېلېفوندا زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.
مەمەت قاسىم ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۇچا يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئىتتىپاقلىق» بەرپا قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ «تۆۋەن كاپالەت» پۇلى ئارقىلىق ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز ئېغزى بىلەن بايان قىلغان ئىدى. زىيارىتىمىز جەريانىدا مەمەت قاسىم بوۋاي ھازىر ئۆز كەنتىدىكى ياشلارغا شۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق خىتايلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ھەققىدە تەربىيە بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي دۇكاندارلاردىن نېسىگە مال ئېلىپ پۇلىنى بەرمىگەنلەرنى تېزدىن توۋا قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەردە يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ھازىر يېزىلارغا قەدەر كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى تولىمۇ «ئالاھىدە» يەرلىك تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقى ئىزچىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.