«دېھقاننى يەردىن چارۋىچىنى يايلاقتىن ئازاد قىلىش» ئىستېراتېگىيەسىدىن كىملەر مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.14
Qarliq-tagh-Qomul-shehiri-Tomurti-kenti-2.jpg «قارلىق تاغ» دىن ئېقىپ كەلگەن غول ئېقىننىڭ قۇمۇل شەھىرى قىزىليار كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بۆلىكى. 2008-يىل.
RFA/Qutlan

2015-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ يۈز مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6 مىليون دېھقان-چارۋىچىنى يېڭى ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «‹12-بەش يىللىق پىلان› مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مالىيەسىدىن 120 مىليارد يۋەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئائىلىنى بىخەتەر ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن 6 مىليون دېھقان-چارۋىچى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، زامانىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئېرىشتى.»

ئۇنداقتا، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ شەھەر ئەتراپىدىكى تۆۋەن ئىجارىلىك بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلار راستىنلا خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلغىنىدەك «بىخەتەر ئۆيلەردە زامانىۋىي تۇرمۇش سەۋىيەسى» دىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟

بىز بۇ سوئالنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆزىگە تاشلىدۇق.

قۇمۇل ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىر گەۋدە قىلىنغان ۋىلايەت بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇل شەھىرىگە قارشىلىق يېزا-كەنتلەردە دېھقانچىلىق، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئاراتۈرك ۋە بارىكۆل ناھىيەلىرىدە چارۋىچىلىق ياكى يېرىم چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان.

ھالبۇكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان شەھەر كۆلىمىنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىشى، يېڭى تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئېچىلىشى، كان بايلىقلىرىنىڭ تېز سۈرەتتە قېزىلىشى سەۋەبلىك قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بولغان خىرىس ھەسسىلەپ كۈچەيگەن.

قۇمۇل شەھىرىگە قاراشلىق شەرقىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى بىلەن ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يايلاق رايونلىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرى يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ شەھەر ئەتراپىدىكى سۇسىز چۆللەردە قۇرۇلغان ئېچىش رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى، غەربىي تاغ يېزىسى ۋە تاشبالىق يېزىسى قاتارلىق تاغلىق يېزىلىرىدىكى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلار 2010-يىلىدىن بۇيان قۇمۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن تاغلىق رايوندىكى يۇرت-مەھەللىلىرى ساياھەت نۇقتىلىرىغا، يايلاقلىرى كان رايونىغا ئايلاندۇرۇلغان.

قۇمۇل شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى تۆمۈرتى كەنتى قۇمۇلدىكى ئەڭ قەدىمىي تاغلىق يۇرتلارنىڭ بىرى. 1956-يىلى بۇ يەردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر ئەسەر «مايتىرى سىمىت» نىڭ «تۆمۈرتى نۇسخىسى» بايقالغان.

ئاتا-بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن بۇ قەدىمىي يۇرتتىن كۆچۈشنى رەت قىلغان يەرلىك ئۇيغۇر چارۋىچى ئەيسا يەھيا بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا نۆۋەتتە تۆمۈرتى كەنتىدە ئەڭ ئاخىرىقى 24 ئائىلىنىڭ قەپ قالغانلىقىنى، شۇنداق قىلىپ بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ چىرىغىنىڭ ئۆچۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىرىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالدى.

يەرلىك چارۋىچى ئەيسا يەھيا يەنە يۇرتىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شەھەر ئەتراپىدىن بېرىلگەن 50 كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيلەردە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە قاراپ كۈن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

يىللاردىن بۇيان جۇغراپىيەلىك جايلىشىش تۈپەيلى خىتايدىكى تېز سۈرەتلىك تەرەققىيات ئېقىمىدىن سىرتتا قالغان، «مەملىكەت بويىچە نامرات ناھىيە» تىزىملىكىدە تۇرۇپ كەلگەن ئاراتۈرك ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربنى ئېچىش دولقۇنىنىڭ كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

نوم يېزىسىدىن غايەت زور نېفىت ۋە كۆمۈر بايلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە پۈتۈن ناھىيەدىكى يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلارنى تېرىلغۇ يەر ۋە يايلاقتىن «ئازاد» قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزگەنلىكى مەلۇم.

ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئىلگىرى يېزا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر كادىر مۇنداق دېدى:

«ئاراتۈرك ناھىيەسى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە دېھقاننى يەردىن، چارۋىچىنى قامچىدىن ‹ئازاد› قىلىپ، نوقۇل دېھقانچىلىق ياكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرمۇ ئاھالىنى قالدۇرماسلىق پىلانىنى يولغا قويدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.