خىتاي ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» قانۇن كادىرلىرىنى پاش قىلغانلارنى 900 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلىماقچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.15
ikki-yuzlimichi-qesem-imza.jpg «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خوتەندە ئېلان قىلغان «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى» دە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» دۆلەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە دىنىي زاتلارنى پاش قىلغانلارنى 300 مىڭ سومدىن 900 مىڭ سومغىچە ئارىلىقتا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇكاپات سوممىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، مەزكۇر ماددىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن كادىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەنسىز ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىنمۇ مۇھىم بېشارەتلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز مەزكۇر ئۆلچەم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داۋاملىق ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانىنىڭ بىر قوغداش خادىمى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئۆلچەمنىڭ سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى ھەققىدىكى قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ قەستەنلىك بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى، جاۋاپكارلارنى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قاچۇرۇش، ئېغىر جىنايەتكە يېنىك ھۆكۈم قىلىش، جىنايەتچىلەرنى قەستەن قويۇۋېتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كېپىلگە قويۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارغا 900 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ».

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىمنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي قانۇن ساھەسىدە خۇددى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئېچىلىپ-سايراش ھەرىكىتىگە ئوخشاش ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ ئېچىلىپ-سايراشتىن بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچسىزلىكنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر چارىنى ئۇيغۇن كۆرگەن. كۆپ ساندا كىشىلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە ھەق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان زۇمرەت خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. زۇمرەت خانىم يەنە مەزكۇر يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتلاش تەدبىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئەمەس، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. زۇمرەت خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ تەدبىرلەرنىڭ كۈتۈلگەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىنمۇ مۇھىم دەرس ۋە ساۋاقلارنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.