پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلارنى يوقىتىش قەدىمىمۇ؟ (1)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.01
pilanliq-tughut-ikki-perzentlik.jpg خىتاي ئانىنىڭ قوشكېزەك بالىلىرىنى باغچىدا ئوينىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
AFP

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇر تارقىتىپ، 28‏-ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنى، جۈملىدىن رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مىللەت ئايرىماي تۇرۇپ، شەھەر نوپۇسى 2 پەرزەنت، يېزا نوپۇسى 3 پەرزەنت كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي خەۋەرلىرىدە، بۇ «بارلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلەندى. بىراق، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى مارۇڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايونلارنى يوقىتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە ‏‏1975-يىللاردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەھەر نوپۇسلۇقلىرىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسلۇقلارنىڭ 3 پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇش بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارغا بولسا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئوخشاش شەھەر نوپۇسلۇقلار بىر پەرزەنت، يېزا نوپۇسلۇقلار ئىككى پەرزەنت بىلەن چەكلىنىپ كەلگەن. بىراق، 28-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارغا قويۇلغان بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنىپ، ئۇلارنىڭمۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا شەھەر نوپۇسى 2 پەرزەنت، يېزا نوپۇسى 3 پەرزەنت كۆرۈشكە بولىدىغانلىقى جاكارلانغان.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتە ئىنگلىزچە قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە، خۇاڭ ۋېنجىڭ ئىسىملىك بىر نوپۇس مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، «بۇ يېڭى ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇنى چوقۇم باشقا رايونلارغىمۇ، بولۇپمۇ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغىمۇ كېڭەيتىش كېرەك» دەپ يازغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ خەۋىرىدە بۇنىڭ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى ھەم شۇنداقلا نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك قانداقتۇر مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئەمەس، ئەكسىچە رايوندىكى خىتايلارغا تېخىمۇ كۆپ تۇغۇش، كۆپىيىش پۇرسىتى بېرىش ۋە ئاقىۋەتتە رايوننىڭ نوپۇس قاتلىمىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتايدا مارۇڭ قاتارلىق بەزىبىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» دەيدىغان بىر تەشەببۇسنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى، ئەمما ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ھوقۇقتىكى باراۋەرلىكىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندىمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ يۇقىرىدا ئېلشات ھەسەن ئەپەندى تىلغا ئالغان «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ خىتايدا خېلىدىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ‹ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى› بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىدىيىنى مارۇڭ قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يەنى ئۇلار خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنماسلىقى كېرەك، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممىسىگە ئوخشاشلا سىياسەت يۈرگۈزسە بولىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرىدۇ. بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مۇنازىرە. ئۇقۇم جەھەتتىن ئۇ خۇددى ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىچىدىكى مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئاساس ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى بىلەن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق. شۇڭا مەن ئۇنى خىتايدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بۇ ئەكسىچە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ».

شان روبېرتس ئەپەندى ئامېرىكىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدىكى پەرق ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىقلار دەپ ئاتاۋاتقانلارنىڭ ئەسلىدە يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئامېرىكىغا پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغانلىرىم ئەلۋەتتە قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىندىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئىندىيانلار ئامېرىكانىڭ يەرلىكلىرى. شۇڭا ئامېرىكادا بولۇپمۇ ئىندىيانلارنىڭ يەرلىك مىللەتلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن تەمىنلەيدىغان سىياسەتلەر بار. مەنچە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ ئاتىلىۋاتقانلار ئەسلىدە باشقا دۆلەتلەردىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە شۇنداقلا يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بەزى مىللەتلەر بولسا شۇ جايلاردا ئەسلىدىلا بار بولغان يەرلىك مىللەتلەر. ئۇلار، خىتايغا كېيىن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان كورېيەلىكلەر ۋە ياكى رۇسىيەلىكلەردىن پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە يەرلىك خەلقلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن».

دەرۋەقە، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدىكى بۇ خەۋىرىدە خىتاينىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىر سابىق رەھبىرى 2015‏-يىلى قىلغان «خىتايدىكى مىللىي ئاپتونومىيە رايونى سىستېمىسىدىن پەقەتلا بىرلا ئاز سانلىق مىللەت بەھرىمەن بولمايدۇ ھەم شۇنداقلا ئۇ پەقەت بىرلا ئاز سانلىق مىللەتكە تەۋە ئەمەس» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئالاھىدە نەقىل ئېلىپ قويغان.

يۇقىرىدىكى بۇ سۆز كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەزلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت مىللىي ئاپتونومىيە رايونىنى كەلگۈسىدە يوق قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتامدۇ، دېگەن سوئالنىمۇ پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا داۋاملىق دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.