تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-10-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
CCTV

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا تايلاندتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

ئاۋات ناھىيەسىدىكى ساقچىلار بىلەن «مۇقىملىق» كادىرلىرى رادىئومىز زىيارىتى جەريانىدا بۇ ئىككىيلەن ھەققىدە ئىشلەنگەن 25 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمىنىڭ يېزا-كەنتلەردە قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارا قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشتىن بۇرۇن، ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا «ئۆز قىلمىشىغا توۋا قىلدۇرغان». ئاندىن بۇ كۆرۈنۈشنى ۋىدېئوغا ئېلىپ، ئۇنى 25 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمى قىلىپ ئىشلىگەن.

كەنت كادىرلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەزكۇر فىلىم ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى دېھقانلارغا ھەپتىدە بىر قېتىمدىن كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئەسلىدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق كەنتىدىن ئىكەن. ئۇلار 2014-يىلىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبىي خىتاي چېگراسى ئارقىلىق چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قوشۇلۇپ تايلاندقا يېتىپ بارغان. ھالبۇكى، تايلاندنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا تايلاند ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇلار 2015-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەركىبىدە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن.

ئاۋات ناھىيەلىك دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ئېچىلغان سوتتا بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا قانچىلىك قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قايسى تۈرمىگە قامىغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت