پامىر ئېگىزلىكىدىكى قىرغىز مالچىلار چېگرا بويلىرىدا «پايلاقچىلىق» قىلىشقا زورلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.04.05
qirghiz-sheher-emin-oy-bilyart-chedir.jpg «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» سىياسىتى بويىچە سېلىنغان مۇقىم ئولتۇراق ئۆيلەردىن يايلاققا قايتىپ بېرىپ چېدىر تىكىۋاتقان قىرغىز ئائىلىسى.
RFA/Qutluq
Qirghiz-malchilargha-yezilghan-xet-1.jpg

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى بىلەن ئوبلاست باشلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «قىرغىز مالچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ئوچۇق خەت. (قىرغىزچىسى). 2017-يىل 31-مارت. Qizilsu oblastliq hökümet tori

Qirghiz-malchilargha-yezilghan-xet-2.jpg

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى بىلەن ئوبلاست باشلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «قىرغىز مالچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ئوچۇق خەت. (قىرغىزچىسى). 2017-يىل 31-مارت. Qizilsu oblastliq hökümet tori

Qirghiz-malchilargha-yezilghan-xet-3.jpg

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى بىلەن ئوبلاست باشلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «قىرغىز مالچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ئوچۇق خەت. (خىتايچىسى). 2017-يىل 31-مارت Qizilsu oblastliq hökümet tori

Qirghiz-malchilargha-yezilghan-xet-4.jpg

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى بىلەن ئوبلاست باشلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «قىرغىز مالچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ئوچۇق خەت. (خىتايچىسى). 2017-يىل 31-مارت Qizilsu oblastliq hökümet tori

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى قىرغىز ئاۋۇللىرى، بولۇپمۇ چېگرا بويلىرىدىكى قىرغىز مالچىلىرى چېگرادىكى «گۇمانلىق كىشىلەر» ياكى «گۇمانلىق ھادىسىلەر» ھەققىدە ھۆكۈمەتكە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىنماقتىكەن.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ليۇ خۇيجۈن بىلەن ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرخان بىرلىكتە «قىرغىز مالچىلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق سىياسىي چاقىرىق ئېلان قىلغان.

مەزكۇر «ئوچۇق خەت» تە پامىر ئېگىزلىكىدىكى قىرغىز مالچىلىرىنىڭ چېگرا قوغداشتىن ئىبارەت «سىياسىي ۋەزىپە» نى ئۈستىگە ئېلىپ، «بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بىرىنىمۇ چېگرادىن كىرگۈزمەسلىك ھەم بىرىنىمۇ چېگرادىن چىقارماسلىقى» تەلەپ قىلىنغان.

«ئوچۇق خەت» تە يەنە، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى «ھەر بىر كىگىز ئۆينى بىردىن قاراۋۇلخانىغا، ھەر بىر قىرغىز مالچىنى بىردىن چېگرا قاراۋۇلىغا ئايلاندۇرۇش» چاقىرىقى چىقىرىلغان.

بىز مەزكۇر «سىياسىي ۋەزىپە» نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەسىدىكى قىرغىز ئاۋۇللىرىدا زادى قانداق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئويتاغ يېزىلىق ساقچىخانىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۆتكەن دۈشەنبىدىن باشلاپ تەۋەلىكتىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ بولۇپمۇ قىرغىز ئاھالىلىرىنىڭ بۇ «چاقىرىق» نى جىددىي ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئويتاغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچى باشلىقى زىيارىتىمىز جەريانىدا «چېگرا بويلىرىدىكى قىرغىز مالچىلىرىنىڭ كۈندىلىك مال-چارۋا بېقىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىشتىن باشقا يەنە، چېگرادىكى گۇمانلىق كىشىلەر ياكى ھادىسىلەر ھەققىدە تىڭ-تىڭچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭمۇ بارلىقى» نى ئاشكارىلىدى. ھالبۇكى، ئۇ قىرغىز مالچىلىرىنىڭ پايلاقچىلىق قىلىشتىكى كونكرېت ۋەزىپىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىلىق ساقچىخانىسىمۇ بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. ساقچىخانىدىكى كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر «مۇقىملىق» ھەققىدە، قىرغىز ئاھالىلەر «چېگرا بويلىرىدىكى گۇمانلىق ئۇنسۇرلار ياكى گۇمانلىق ھادىسىلەر توغرىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇمات يەتكۈزۈش» ھەققىدە ئۆگىنىش قىلماقتىكەن.

بارىن ساقچىخانىسىنىڭ مەزكۇر نۆۋەتچى خادىمى يەنە، ساقچىخانىلارنىڭ قىرغىز ياردەمچى ساقچىلارنى تەشكىللەپ، قىرغىز ئاۋۇللىرىغا تەشۋىقات ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى، ئەگەردە بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق چېگرا بىلەن تۇتۇشىدىغان قىرغىز يېزىلىرىغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاقتۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى زور ساندا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر جىددىي تۈردە سىياسىي نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەشىق مەشغۇلاتى بىلەن شوغۇللانماقتىكەن. ئۇ، چېگراغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار مەخپىيەتلىك بولغاچقا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدا قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىككى نەپەر بىرىنچى قول ئەمەلدارىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى قىرغىز مالچىلىرىغا «چاقىرىق» ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى چېگرا بويىدا پايلاقچىلىق قىلىشقا ئۈندىگەنلىكى ۋە قىزىلسۇدىكى ئىككى ساقچىخانىنىڭ بۇنى دەلىللىگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.