رابىيخان ئانىنىڭ كەلمە دېسىمۇ كېلىۋالىدىغان «تۇغقىنى» - خۇڭ چىجاڭ ھەققىدىكى شىكايەتلىرى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-03-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
رابىيخان مۇسا ئانا خوشنىلىرى بىلەن
رابىيخان مۇسا ئانا خوشنىلىرى بىلەن
RFA

ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇ «تۇغقان» تەقسىماتىدا، بورتالادىكى قەيسەر ئانا رابىيخان مۇسا ئانىغا خۇڭ چىجاڭ ئىسىملىك بىر ئايال ساقچى نېسىپ بولغان. ئەپسۇسكى، رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ كۈنىگە بىرقانچە قېتىم كېلىپ، سائەتلەپ ئولتۇرۇۋالىدىغان بۇ «تۇغقان» بىلەن پەقەتلا پۇرچىقى پىشمىغان. ئۇ، بۇ «تۇغقىنى»غا مۇمكىن بولسا كەلمەسلىكىنى، بولمىغاندا ئاز كېلىشنى يۈزىدىن-يۈزىگە نەچچە قېتىملاپ دېگەن بولسىمۇ، ئۇ يوقلاشنى تا بۈگۈنگىچە توختاتمىغان. ئاخىرى رابىيخان ئانا بۇ قېلىن-قاتتىق «تۇغقان»غا ئۆزىنىڭ بۇ خىل تۇغقاندارچىلىقتىن كۆڭلى ئېلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ «تۇغقان» بۇ سۆزنىمۇ ھار ئالمىغان.

سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇڭ چىجاڭ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆتۈرۈپ كىرگەن، رابىيخان ئانا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتكەن. خۇڭ چىجاڭ قازان بېشىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغاندا رابىيخان ئانا، ئەگەر ئۇنىڭ قولى تېگىپ كەتسە تاماقنى يېمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ خۇڭ چىجاڭ دەسلەپتە قولىنى يۇيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ جاھىللىق قىلغان بولسىمۇ، رابىيخان ئانىنىڭ قەتئىي رەت قىلىشى بىلەن قازان بېشىغا كېلەلمىگەن. رابىيخان ئانىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن بىر بىنادا ئولتۇرۇشلۇق باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق تەقسىملەنگەن خەنزۇ «تۇغقان» لىرى بار ئىكەن. رابىيخان ئانا قوشنىلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۇ «تۇغقان» لىرىنىڭ كۈندە كېلىۋالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭكى بولسا كۈنىگە ئاز دېگەندە ئىككى ۋاق «يوقلايدىغان» لىقىنى، بەزىدە قاراڭغۇ كېچىدە، بەزىدە تاڭ سەھەردە ئىشىكىنى چېكىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خۇڭ چىجاڭنىڭ رەت قىلىنسىمۇ رەنجىمەسلىكى، قوپال گەپنىمۇ ھار ئالماسلىقى قاتارلىق قېلىن-قاتتىق مىجەزى سەۋەبلىك رابىيخان ئانا بىلەن خۇڭ چىجاڭ ئارىسىدا بەزىدە تۆۋەندىكىدەك دىئالوگلارمۇ بولۇنغان:

خۇڭ چىجاڭ: مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟
رابىيخان: مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيسەن، سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن، سەن ئەمەلىيەتتە مېنى چايناپ يۇتۇۋەتكۈدەك ئۆچ كۆرىسەن.

خۇڭ چىجاڭ: بۇنداق ئويلىما.
رابىيخان: ياخشى كۆرسەڭ، بالامنى كۆرۈشۈمنى نېمىشقا توسىسەن؟!

خۇڭ چىجاڭ: سەن ياشىنىپ قالغان بولساڭمۇ، مەندىن ئەقىللىق ئىكەنسەن، كاللاڭ بەك تېز ئىشلەيدىكەن.
رابىيخان: ئەلۋەتتە. مېنىڭ پەقەت ئوقۇيالماي قالغان يېرىم بار.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، نورۋېگىيەدىكى بالىسىنى كۆرۈش ئارزۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنغان 83 ياشلىق رابىيخان ئانىنىڭ بۇ يىل يانۋاردا ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ۋە بىزار قىلىۋاتقان خەنزۇ «تۇغقىنى» ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت