رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى كۈنى رادىئومىزدا مېھمان بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.03.17
rabiye-qadir-rfa-ziyaret-1.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى شەرەپ مېھمىنى قاتارىدا كۈتۈۋالدى. 2015-يىلى 17-مارت، ۋاشىنگتون.
RFA

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۈگۈن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى شەرەپ مېھمىنى قاتارىدا كۈتۈۋالدى.

ئۇ بۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن مەخسۇس ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، رادىئويىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىر، تەھرىرلەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئون يىللىق ھايات مۇساپىسى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.