چەتئەللىك ژۇرنالىستنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى: «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.19
bronewik-bronewek-herbiy-qoralliq-tanka.JPG ئىككى نەپەر خىتاي قوراللىق ئەسكىرى برونېۋىك بىلەن كوچىدا پوس تۇرماقتا. 2017-يىلى 24-مارت، قەشقەر.
REUTERS/Thomas Peter

ئامېرىكالىق ژۇرنالىست مېخا راجاگوپالا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ، كانادالىق مۇخبىرنىڭ ۋەندېر كىلىپپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سېستىملىرىدىن ھازىرقى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گىچە بولغان بارلىق كونتروللۇق ئاپپاراتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

ئامېرىكالىق ژۇرنالىست مېخا راجاگوپالا ئىككى ئاي بويىچە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئامېرىكىدىكى تونۇلغان خەۋەر سەھىپىسى «بازفىد» تە ئېلان قىلدى. 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ زور ھەجىملىك ماقالىنى مۇخبىر قەشقەردە تۇرۇپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «بۇ شەھەردە سىز بۇرۇت قويغانلىقىڭىز، تويىڭىزغا كۆپرەك ئادەم چاقىرغانلىقىڭىز ياكى بالىڭىزغا مۇھەممەد، مەدىنە دەپ ئىسىم قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن ساقچىغا مەلۇم قىلىنىسىز. ئەتراپتىكى باشقا مەھەللىلەرگە ماشىنا ھەيدەپ ياكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بارماقچى بولسىڭىز يولدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ۋە ئۇ پونكىتلاردا سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا فېيىسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق چەكلەنگەن ئەپلەر بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان، دىنى گەپ-سۆزلەر بارمۇ يوق دەپ سىزنىڭ قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوقۇيدىغان ساقچىلارنى كۆرىسىز. بۇ يەردە سىز چەتئەلدىكى دوستلىرىڭىز ۋە تۇغقانلىرىڭىز بىلەن تېلېفونلىشىشتىنمۇ قورقىسىز. چۈنكى، بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا ئىشىك ئالدىڭىزغا سىزنى سوراق قىلىدىغان ساقچىلار پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىزدە، بۇ ساقچىلارنىڭ تېلېفونىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانماي قالمايسىز. قورقۇنچلۇق ۋە كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان بىر كېلەچەك خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان مىليونلىغان خەلق ئۈچۈن ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ئىنتېرنېت سۈزۈش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھەم يۇقىرى تېخنىكا ھەم ساقچى كۈچىنى قوللىنىپ تۇرۇپ بىر ئىنساننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر تەقىبلەش (نازارەت ) دۆلىتى، قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ.»

ئاپتور ماقالىسى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، بۇ ئورۇنلارغىمۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقى ياكى بىر ئىسلام دۆلىتىدە ئوقۇپ كەلگەنلىكىدەك سەۋەبلەر بىلەن سولىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر ماقالىسىدە تۈركىيەگە يېڭى چىققان ئۇيغۇرلارنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت قىلىنغانلار ئاساسەن ئائىلىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

تۈركىيەدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر قىز مۇخبىرغا ھەر قېتىم يۇرتىدىكى 85 ياشلىق مومىسىغا تېلېفون قىلسا، ساقچىلارنىڭ كىرىپ موماينى سوراق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قىز يەنە ئۆزىنىڭ تويىنى قىلماقچى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى تۈركىيەگە تويىغا چاقىرماقچى بولغان ئەمما ئائىلىسىنى دەپ تويىنى ئايلارچە كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا پاسپورتىنى ئالالمىغان. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، بۇ قىزنىڭ ئاپىسى ۋە تۇغقانلىرى ئۈندىداردىكى ۋىدېئو ئارقىلىق كۆرۈشكەندە ئۇلار «پاسپورت ئالالمىدۇق» دېگەن گەپنىمۇ تېلېفوندا ئوچۇق قىلالماي، بىر ۋاراق خەتكە يېزىپ ئېكراندا كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇ قىز مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن يىغلاپ كەتكىنىنى ئېيتىپ، «مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، مەن گۇناھسىز كىشىلەرگە بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلارنى قوللىمايمەن. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن ئاپامغا مەن ئاشۇنداق قىلغانلارنى چۈشەنگەنلىكىمنى ئېيتتىم. شۇنچىلىك غەزىپىم كەلدىكى، شۇندىلا مەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇپ ئاشۇنداق بىر ئوي-پىكىرگە كېلىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم» دېگەن. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى يۇقىرىدىكى بۇ قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى يىغىنچاقلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقىنىمغا خېلى بولدى. ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىبلەش ۋە كونترول بارغانسېرى ئېشىپ باردى. بۇنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم بۇنداق تەدبىرلەر پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن شۇ «بازفىد» تىكى ماقالىدە مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغىنى، ئادەتتە زوراۋانلىقنى قوللىمايدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر تۈپەيلىدىن قانداق بولۇپ زوراۋانلىق يولىنى تاللىغانلارنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتقان. مانا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ يېقىن زامان ئىچىدە زوراۋانلىقنىڭ ئېشىشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بۇرمىنى بەك چىڭ بۇرىۋەتتى. بۇ ئاخىرى بېرىپ تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ۋە زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ، دەپ قارايمەن»

«بازفىد» تە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى مېخا ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك خامچوتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىلا ئۆتكەنكى ئوخشاش مەزگىلدىن 45 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكى ۋە بۇندىن باشقا يەنە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغىش ۋە «زور ئۇچۇر ئامبىرى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن بۇ تۈرگە زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتايدەك ئەدلىيە-سوت سىستېمىسى 99.9 پىرسەنت ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولغان ۋە ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان، تېخنىكىلىق ۋە ئادەم ۋاسىتىسى ئارقىلىق نوپۇس نازارەت قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا بۇنداق پەن-تېخنىكىلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئىلھام توختىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى پەقەت ئۇيغۇر ئۈچۈن كۆپرەك ھوقۇق تەلەپ قىلغانلىقى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى مەدھىيەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانغان. . . بۇ رايون كېلەچەكتە يۈز بەرگۈسى قورقۇنچلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۆرىدىغان بىر كۆزنەككە ئايلىنىپ قاپتۇ» دېگەن.

ماقالىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆمەر قاناتنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە قىزىقارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى خەلقئارانىڭ كۆزى ئالدىدا، ئۇنى يوشۇرۇپ ئولتۇرماي ئوچۇق-ئاشكارا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قاتتىق قول سىياسىتى داۋام قىلغان تەقدىردە بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرمىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. زىددىيەت ئازىيىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا مەۋجۇت. زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ياكى چوڭقۇرلىشىشى خىتايدا كېلەچەكتە بىر چوڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ياكى چوڭ بىر پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىن»

بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى بۇ ماقالىدىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئائىت قىسىملىرىنى داۋاملىق دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.