زىيالىيلار ئۇيغۇر ئېلى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا كۈچەيتىلىۋاتقان سىياسىي ساپا تەربىيىسىدىن ئەنسىرىمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-08-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تەتىل مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنغان لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2012-يىلى 20-ئىيۇل.
تەتىل مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنغان لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2012-يىلى 20-ئىيۇل.
http://ui.xjsfedu.com


خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلاردىن سىياسىي ساپانى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي تەلىم تەربىيىنى كۈچەيتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ «ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلگىرى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات تەكىتلىنەتتى، مانا ھازىر سىياسىي ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنىشى بىزنى ئەنسىرەتمەكتە» دېيىشتى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەممىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى مەدھىيىلەش تەشەببۇسىنىڭ، ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بىلىم يۇرتلىرىغا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى سىياسى تەشۋىقات مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

« ئىلگىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەتقىقات ۋە ئىلمىي ماقالە تەكىتلىنەتتى، ئەمما ھازىر ھەممىدە سىياسىي ساپا تەكىتلىنىدىغان بولدى. بۇ يىلمۇ يازلىق تەتىلىمىز قىسقارتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار مۇددەتتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىنىپ سىياسىي ئۆگىنىش باشلىنىپ كەتتى. ئۆگىنىشتە رەئىسىمىز شى جىڭپىڭنىڭ " غەرب ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش" ھەققىدىكى يوليورۇقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەت - بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگىنىپ تەسىرات يېزىپ، ئىپادە بىلدۈرۈۋاتىمىز. 2016 - يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى دەپ بەلگىلەنگەندىن بۇيان، مەكتىپىمىزدە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېرىتارى جاڭ شۇجى ۋە رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە دىنىي رادىكاللىقنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى تەكىتلەش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنمەكتە. ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى سىياسىي ئۆگىنىش داۋامىدا يەنە، فاكولتىتلاردا 4 تە ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاپ چىقىمىز. مانا بۇ، بۈگۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەشغۇلاتى. يەنە 9 - ئاي ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىمۇ شۇنداق. ھازىر كاۋا پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل بولۇپ قالدى.»

مانا بۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ۋەزىيەتمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئوقۇتقۇچى 15 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يىغىۋېلىنىپ، ھەرقايسى ئىنستىتۇتلاردا سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇتقۇچىلار كۈزلۈك ئوقۇتۇشتىن مۇددەتتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىنىپ، ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن بۇلتۇر قىشلىق تەتىلدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان «ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غەرب قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن ئىدېئولوگىيىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۇقتۇرۇشىغا ئائىت كونكرېت ھۆججەت - ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشكە ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرى جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلارنىڭ «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش»، «مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنىي كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مائارىپ ساھەسىدە ئېچىلغان يىغىنلاردا بەرگەن دوكلاتلىرىنى ئۆگىنىپ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە تەتبىقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ۋەدە بېرىش» تەلەپ قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتى، تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت، مائارىپ ئىنىستىتوتى قاتارلىق بىر قانچە ئۇنىۋېرىسىتېتلاردىكى مەكتەپ ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت ئىشخانىلىرىنىڭ تېلىفونلىرى ئېلىنماي، ئىزدىنىشلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

رادىيومىزغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرەيلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئىشخانىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئادەتتە چەتئەللەردىن ئۇرۇلغان تېلېفونلارنى ئالماسلىق ياكى مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەسلىك ئۇقتۇرۇشى ئىچكى جەھەتتىن تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپ تورلىرىدىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان سىياسىي تەلىم - تەربىيىگە ئائىت مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 11 - ئاۋغۇست بېرىلگەن بىر خەۋىرىدە، 10 - ئاۋغۇست جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا باشلاپ كەلگەن زىيارەت ئۆمىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر، مەكتەپ پارتكوم سېكرىتارى خۇمىڭ قاتارلىقلارنىڭ جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكىگە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان سىياسىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق 3 مەسىلىنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدىكى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدا بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن ئىلگىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىككى ئاي داۋاملاشقان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنىڭ سىنئالغۇ فىلىمى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش» تېمىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئەينەن بېرىلگەن.

ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەيلى ئۇنۋان باھالاش بولسۇن، ياكى ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش بولسۇن ۋە ياكى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرەر تەتقىقات تېمىسىنى ئىلتىماس قىلىشىدا بولسۇن، ئالدى بىلەن سىياسىي ساپا سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئەھۋالىنى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۈچەيتىلىۋاتقان سىياسىي ساپا تەلىپىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى:

«1990 - يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ مەزكۇر مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمەن، بىرقانچە قېتىم بىلىم ئاشۇردۇم. ئىلمىي ماقالىلىرىممۇ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنۋان باھالاشقا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي تەلەپلەر كۈچەيگەنسېرى دوتسېنت، پروفېسسور دېگەندەك ئىلمىي ئۇنۋانلارغا ئىلتىماس قىلىشتىن يالتايدىم. چۈنكى مەن بىرىنچىدىن كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس، ئىككىنچىدىن مەكتەپتە مەمۇرىي خىزمەت قىلمايمەن. ھەر ئىككى نۆۋەت سىنىپ تەربىيىچىسى بولدۇم، ئەمما سىنىپىمدا ناماز ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلىرىم بايقىلىپ قېلىپ، ئىككى قېتىملىق ئۇنۋان باھالاشتا قېلىپ قالدىم. يېقىنقى يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئەينى چاغدا مەن بىلەن تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلدى. بەزىلەر چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدى، بەزىلەر مۇددەتتىن ئىلگىرى دەم ئېلىشقا چىقىۋاتىدۇ. بەلكىم يېقىن ئارىدا مەنمۇ مۇددەتتىن ئىلگىرى دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسى سۇنۇشۇم مۇمكىن. چۈنكى تۈگۈمەس يىغىن ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلەر بەكلا چارچىتىۋەتتى.»

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى كۈچەتكۈچىلىرىدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركى تىللار تەتقىقاتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفىسسورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شيا مىڭ ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ساپانى تەكىتلەش ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا يېقىنقى يىللاردا قايتىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى «سىياسىي تەلىم تەربىيىنى كۈچەيتىش» شامىلىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بىلىم ئادەملىرىنى سىياسىي بۇرۇختۇملۇق مۇھىتىغا ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەن - مائارىپ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور شامىڭ ئەپەندى بولسا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سىياسىي ساپانى تەكىتلەش شامىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى شى جىڭپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلمىي ئەمگەك ئەمەس، بەلكى سىياسىي تەلىم تەربىيىنى تەكىتلەش شامىلىنىڭ شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىشى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور شا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەنمۇ ئىلگىرى خىتايدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ۋە 1989 - يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ شاھىدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي ئۆگىنىشلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي ساپانىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ياخشى چۈشىنىمەن. 1989 - يىلدىكى " بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" دىن كېيىنمۇ مەكتىپىمىزدە سىياسىي ئۆگىنىش كۈچەيتىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە يېڭى نۆۋەتلىك خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رەئىسى شى جىڭپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان " ئالىي مەكتەپلەردە غەرب ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىنى توسۇش» نامىدا يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يەنە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دىنىي ئەسەبىلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش دېگەن مەزمۇنلارمۇ قوشۇلىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلىم - پەن تەتقىقاتى، مائارىپ، يېڭىلىقلارنى تەشەببۇس قىلىشقا قارىغاندا سىياسىي - تەلىم تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، ئەمەلىيەتتە شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرىشى، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن بولىۋاتىدۇ.»

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان سىياسىي تەلىم تەربىيە شامىلىنىڭ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - 70 - يىللىرىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ۋەزىيەتنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ تەكىتلىشى، سىياسىي ئۆگىنىش نامىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق ۋەزىيەتنىڭ بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتى بارغانچە سۇسلاشقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ۋە ئۆزى سۆيۈپ تاللىغان دەرس مۇنبىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور شا مىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي تەلىم تەربىيىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە يەنە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىنىپتىكى دەرس ئۆتۈش ئەۋالىنى كۆزىتىش ۋە مەكتەپنىڭ سىياسىي بۆلۈملىرىگە ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋالىدىن ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ زور بېسىملارنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنى ئۆز خىزمىتىدىن قوغلىنىش، تۇتقۇن قىلىنىش، خىتاي دۆلىتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئەھۋاللارنىمۇ نەقىل ئالدى.

شا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بىلىشىمچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھېسابىغا ئۇلارنى ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆزىتىشكە، نازارەت قىلىشقا ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق سۆزلىرىنى توپلاپ دوكلات قىلىشقا سالىدىغان ئەھۋال ئومۇملاشقان. ئىلگىرى 60 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىدىن سىياسىي كۈرەش قىلغان بولسا، 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچى ئىشپىيونلار كۆپەيتىلدى. ئەينى چاغدا نۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس مۇنبىرىدىن قوغلىنىشى، ھەتتا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە پاناھلىق تىلەپ چىقىپ كېتىشىگە مۇشۇنداق ئامىللار سەۋەب بولغان. ھازىرمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىل سىياسىي بېسىم كۈچىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان سوتتا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن توپلانغان ئاتالمىش «مىللىي قۇتراتقۇلۇققا تەشەببۇس قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايى پاكىتلارنىڭ ئۇنىڭ دەرسخانىدىكى لېكسىيىلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مەن بىلىدىغان بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن سىياسىي سەۋەبتىن قوغلانغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دەرسخانىدىكى لېكسىيىلىرى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا ھازىر خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسى تەلىم - تەربىيىنى زىيادە تەكىتلەش شامىلى خىتاي زىيالىيلىرىنى ئەنسىرەتمەكتە.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت