سىياسىي ۋەزىيەت قەشقەر بەشكېرەمدە 32 مىڭ مو باغنىڭ ئۈزۈم سودىسىنى سۇغا چىلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.01
shayar-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. 2016-يىلى ياز، شايار.
Oqurmen teminligen

يېقىندا ئۈندىداردا تارقالغان بىر مۇراجىئەتنامىدە قەشقەر بەشكېرەمدە ئۈزۈم سودىگەرلىرى ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 10 مىڭ مو باغدىكى ئۈزۈمنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مېۋە-چېۋە سودىگەرلىرىنى بۇ ئۈزۈملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، قەشقەر بەشكېرەمدە راستىنىلا زور مىقداردا ئۈزۈمنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ سېسىغانلىقى، بۇنىڭغا 19 ‏-قۇرۇلتاي ۋە «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئۈندىداردا تارقالغان مەزكۇر مۇراجىئەتتە، قەشقەر بەشكېرەم ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىمىنىڭ ئۈزۈم سودىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ۋە ئەگەر بۇ ئۈزۈملەر سېتىلمىسا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. قەشقەر بەشكېرەمدىكى ئاھالىلەردىن بىرى، ئۆزىنىڭ 5 پۇڭ يېرىدىكى ئۈزۈمىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، بۇ يىل بەشكېرەمدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈزۈمىنى ساتالمىغان. بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن مەھەللىدە ئۈزۈم ساتىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ يوق بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 19‏-قۇرۇلتاي سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ مەھەللىدىن سىرتقا چىقالماسلىقى سەۋەب بولغان.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەشكېرەم يېزىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. باغۋەنچىلىكتە بولسا ئاساسلىق، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە قارا ئۆرۈك يېتىشتۈرۈلىدۇ. 2003‏-يىلى بەشكېرەمدە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 43 مىڭ موغا يېتىپ، يېزا تېرىلغۇ يېرىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. 36 مىڭ نوپۇسلۇق بەشكېرەم يېزىسىدا ئۈزۈم سودىسى بۇ يىل سۇغا چىلاشقان. بەشكېرەمنىڭ ئاياغ سايباغ كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، نۆۋەتتە بەشكېرەمدە كۆرۈلگەن ئۈزۈملەرنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى يوشۇرمىدى. بەشكېرەم يېزا ئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرىمۇ ئۈزۈم سودىسىنىڭ ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىشىغا مەھەللىدە ئەر ئەمگەك كۈچىنىڭ ئاز قېلىش، جۈملىدىن ئۈزۈم تىجارەتچىلىرى قالماسلىق ئەھۋالىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

خىتاينىڭ سوخۇ تورىدا بۇ يىل بەشكېرەمدە 32 مىڭ مو باغدا ئۈزۈم يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما ئۈزۈملەرنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ سېسىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.