دائىرىلەر خىتاي بىلەن نىكاھلىنىش تەشەببۇسىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگىمۇ تەرغىب قىلىشنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.01.22
uyghur-xitay-toylishish.jpg ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭنىڭ توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىككى مىللەتتىن نىكاھلانغان ئائىلىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 65 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ھۆججىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سىناق خاراكتېرلىك «چارە» بىلەن، ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىلەرنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى نىكاھلىنىش مەسىلىسى بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن نازۇك مەسىلە بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا، يەنى 1944‏-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قۇرغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 1946-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن «بېتىم» بويىچە خىتايلارنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئاياللىرى بىلەن تويلىشىشى قەتئىي چەكلەنگەن ئىدى.

1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان. 1957-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئارا تويلىشىش ھەققىدە چىقارغان قارارىدا «خەنزۇ ئەر كادىرلارنىڭ يەرلىك ھەر مىللەتتىن بولغان قىزلار بىلەن تويلىشىشى چەكلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.

1983-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش مەسىلىسىگە يەنىلا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان. يەنى بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىش مەسىلىسىگە نۆۋەتتە گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.»

نۆۋەتتە چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا، ھەتتا ئۇلارنى تۇغقانلاشتۇرۇپ، مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۈگۈنكى كۈنلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئىلگىرىكى ئېھتىيات تەدبىرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا ئاشكارا رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىش دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو تىبەتتە پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغاندا خىتايلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سىياسەتلەرنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان ۋە نەتىجە كۆرگەن ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن، تىبەتتە قوللانغان بىر قىسىم سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قوللىنىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە تەشۋىقاتىنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

رادىئومىزغا بىر قازاق زىيالىيسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇ كۆنەس ناھىيەسىدە خىتاي بىلەن تويلاشقان بىر قازاق قىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قازاقلاردا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قازاق زىيالىيسىنىڭ دېيىشىچە، بەزى قازاقلار توردا ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلارغا فىزئىولوگىيە دەرسىنى ئايرىم بېرىش باھانىسىدە، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىزلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتايدا قېلىش ۋە خىتايلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەربىيەسى ئېلىپ بارغانلىقىنىمۇ پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايلار قازاقلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنى بىر مىڭنىڭ ئىچىدە 25 دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ دەپ پەرەز قىلىنماقتا، ئىلگىرى قازاقلارنى خىتاي بىلەن تويلىشىشتىن بىرىنچى بولۇپ مىللىي روھ، ئىككىنچى، دىنىي ئېتىقاد توسۇپ كەلگەن بولسا نۆۋەتتە مېڭە يۇيۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە قازاقلاردىكى مىللىي روھ ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي بىلەن توي قىلىش ئادەتتىكىدەك بىر ئىشقا ئايلانغان.

بۇ قازاق زىيالىيسى، نۆۋەتتە قازاق زىيالىيلارنىڭ خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ياكى مىللەت ھالقىغان تويلىشىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ خىل ئائىلىلەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قازاقلارنى پۈتۈن مىللەت سۈپىدە ئاسىمىلاتسىيە قىلىشتىكى "يۇمشاق تەھدىت"دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قازاق زىيالىيسى يەنە ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي بىلەن توي قىلغانلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئاز بولۇشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنى ئۇيغۇرلاردىكى كۈچلۈك دىنىي ئېتىقاد دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە بۇ قازاق زىيالىيسى ئېيتقاندەك خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان. يەنى، خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇتەخەسسىسلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 2014-يىلى 2-سېنتەبىر، «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار» تورىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى لى شاۋشا «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشنى تەكشۈرۈشتىن تەھلىل» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلىرىدا ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش سانى بىرقەدەر ئاز، 2000-يىلى 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ 1.50% بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 0.996% نى، ئاياللار 0.994% نى ئىگىلىگەن» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

چېن چۋەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيانقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىغاندا، رايوندىكى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلماقتا، ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىلەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيىەتكە ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنماقتا. خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىپادىلىرى» ھەققىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار بىلەن نىكاھلىشىشقا قارشى چىققانلىق بۈگۈنكى كۈندە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسىنىڭ بىرى. بۇ ھەم «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى تۇرۇشتىكى كۈرەش نىشانىغا ئايلانغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئاز ساندا كۆرۈلىدىغان تويلىشىش ھادىسىسىنى قانچە تەشۋىق قىلسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئىكەنلىكىنى خەلق چۈشىنىپ يەتكەن. ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھى ۋە مىللىي ئىرادە ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىككى مىللەتتى نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئىپادىلىگەنلەرنى جازالاش چارە-تەدبىرلىرى ھەرگىزمۇ كۈتكىنىدەك نەتىجە ھاسىل قىلالمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.