لايقا يېزىسىدىكى سىياسىي توي مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-09-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى «فېيسىبۇك» تا 20 جۈپ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوپچە توي مۇراسىمىدا، خىتاينىڭ بايرىقىغا قەسەم بېرىۋاتقانلىقىدەك بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان ئىدى. مەزكۇر كۆرۈنۈش نۇرغۇن قېتىم بەھرىلەندى ۋە مۇنازىرىلەر قوزغىماقتا. ئېنىقلىشىمىزغا قارىغاندا، خوتەن ناھىيە لايقا يېزىسىدىكى سىياسىيلاشتۇرۇلغان بۇ توي مۇراسىمى يېزا ۋە ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ «رادىكاللىقنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، توي كۈنىمۇ ھەتتا، خىتاي دېھقانلار كالېندارى بويىچە خىتاينىڭ پادىچى يىگىت-توقۇمىچى قىز رىۋايىتىدىكى «چى شى» كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

كوللېكتىپ توي قىلىش ئۇيغۇرلارغا خاس ئادەت بولمىسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىردىن ئارتۇق ھەتتا كۆپ بولغاندا نەچچە ئون جۈپ ياشنىڭ ئوپچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسىگە ئايلانماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» سىياسىي دولقۇنىدا، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ تۇراقلاشقان تويلىشىش ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك قوللىنىۋاتقان فېيسىبۇك قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ خىلدىكى سىياسىيلاشقان بىر كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنىڭ 10 سېكۇنتلۇق قىسقىچە فىلىمىدا بۇلار ئېنىق ئىپادىلەندى.

مەزكۇر سىننىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، بۇ توي مۇراسىمىنىڭ خوتەن لايقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسى، خوتەن ناھىيىلىك پارتكوم بىرلىكسەپ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 8- ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 20 جۈپ ياشنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتىكى خىتايچە سوخۇ تورىدا سۈرەتلىك ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ مەزكۇر يېزىدا «رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتى» باشلانغاندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئىكەن.

دائىرىلەر مەزكۇر مۇراسىم ئۈچۈن بىر ئايچە تەييارلىق قىلغانىمىش. لايقا يېزىسىدىكى 19 جۈپ ئۇيغۇر، يەنە بىر جۈپ خىتاي بۇ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گەرچە توي قىلغانلاردىن بىر جۈپ خىتاي بولغاندىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، سۈرەتلەردىن بولۇپمۇ تارقالغان قەسەم مۇراسىمىدىن بۇ توينىڭ پۈتۈنلەي سىياسىيلاشقان شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرىگە يات شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەردە توي كىيىملىرى بىلەن قاتار تىزىلدۇرۇلغان ياش ئۇيغۇر قىز- يىگىتلەرنىڭ بۇ قەسەمياد مۇراسىمى، كوللېكتىپ توي مۇراسىمىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن بولغان بولسا، يەنە پېنسىيەگە چىققان خىتاي كادىرلار سەھنىدە خىتايچە «تەيجى گۇمپىسى» ئويناپ توينى قىزىتىۋەتكەنلىكىنى يازغان.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ ھالدا توي قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا مۇراسىم ئۆزىنىمۇ سىياسىيلاشتۇرۇشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لايقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

لايقا يېزىسىدا تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر دېھقان ئايال، بۇ كوللېكتىپ توي قىلغانلار قوشنىسى ياكى تۇغقىنى بولمىسىمۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بارغانلىقىنى، ئامما توينىڭ چۈشتىن كېيىن 3 لەردىلا تارقىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ باشقىلارنى ئۇسۇل ئويناتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ ئايال يەنە تويدا ئىسلام دىنى بويىچە نىكاھ مۇراسىمى قىلغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

توي كۈنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قۇتلۇق مۇقەددەس بىر كۈن. ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق تۇراقلاشقان توي ئەنئەنىسى بولىدۇ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ توي ئادەتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنى، ئۆرۈپ ئادىتىگە قاراپ ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى قايرىپ قويۇپ، تويلاشقان ياشلارنى، ھەتتا پۈتۈن مىللەتنى ئارزۇسى بويىچە توي قىلىشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىگىچە كونترول قىلىپ، توي مۇراسىملىرىنىمۇ سىياسىي تەربىيە مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى زىيالىيلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ھەقتە ئەنگلىيەدىن ئىنكاس قايتۇرغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دوكتور ئاسپىرانتى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋالقى 2، 3 يىللار ئىلگىرىلا، دائىرىلەرنىڭ يېزا كەنتلەردە بۇ خىل ئوپچە توي مۇراسىملارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تويلارغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رايى بارمىسىمۇ، نۆۋەتتىكىدەك قاتتىق بېسىمدا بۇ خىل بىمەنىلىك ۋە زۇلۇملارغا ماسلاشماي ئامالى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، يەنە قارىماققا ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى نارازىلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا خىتاي قانچە زورلىغانسېرى ئۇيغۇرلار بۇ ئاسسىمىلياتسىيەگە شۇنچە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قوغداشقا تىرىشىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت