شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى تەكىتلىشى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.10.19
shi-jinping-xitay-qurultay-sozde.jpg خىتاي كومپارتىيەسى 19‏-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە. 2017-يىلى 18-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP Photo/Andy Wong

18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «تەرەققىياتقا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈچىلىك ۋە تېررورلۇق» قا داۋاملىق زەربە بېرىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار رادىيومىز ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېدى.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ داۋاملىق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەكىتلىشىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، شى جىڭپىڭ تەختكە چىققان 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قارىتا باستۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتتى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى:«مەن شى جىڭپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن زادىلا ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. چۈنكى شى جىڭپىڭ تەختكە چىققان 5 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا، يەنى شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان زېمىندا يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى. ھەتتا ئاتالمىش ‹يۇمشاق قول سىياسەت› يۈرگۈزدى دەپ تەرىپلەنگەن جاڭ چۈنشيەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كەلدى. چېن چۈەنگو بولسا تىبەتتە يۈرگۈزگەن ئىنتايىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، يەنى يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىدىغان سىياسەتلەرنى بۇ جايدا تېخىمۇ ئاشۇرۇپ يۈرگۈزدى. مەسىلەن، دىنىي ئورۇنلاردا پارتىيە بايرىقى ئېسىش، ‹قوشماق تۇغقان بولۇش› دېگەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن سىرت، ساقچىلارنى كۆپەيتىپ، يىغىۋېلىش لاگېرى تۈسىدىكى ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى قورۇپ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە قامىۋالدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىشىدىن ھەيران قالمايمەن.»

ياڭ جيەنلى يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى:«شى جىنپىڭنىڭ بايانىدىكى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› لىنىيىسى ئۆتىدىغان رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ياشايدىغان جايلاردۇر. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىدىكى دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش، بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق نۇقتىلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارادا كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم. شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتالمىش ‹خىتاي چۈشى› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ شەپقەتسىز باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەمما شى جىنپىڭ نۆۋەتتە چوڭ خىتايچىلىقنى تەكىتلەپ، خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېنىڭچە بۇ ئەھۋاللارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.»

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاشكارا ئىپادىلەيدىغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى سەۋەبلىك بۇ لىنىيە بويىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا سىياسىي ۋەزىيەت داۋاملىق جىددىيلەشكەن.

چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىدىن نۆۋەتتە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جاشى سېرىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى يەنىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان. قۇرۇلتايغا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش ۋەكىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولچوماقلىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقاچان ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشقا نارازىلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. شۇڭا 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇقەررەركەن.

جاشى سېرىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 5 يىلدىن بۇيان مۇقىملىقنى ساقلاش، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيدى. ئەمما ئۇلار پەقەت سىياسىي جەھەتتىن باراۋەرلىك، دىنىي جەھەتتىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلار ئىدى. ھەتتا زاشى ۋاڭجۇغا ئوخشاش تىبەتلەرنىڭ تىلىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ياپونىيەدىكى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش چاقىرىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.