چەرچەن ناھىيەسىدە تىغلىق ئەسۋابلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر رايونىدا تىغلىق بۇيۇملارغا ئۇرۇلغان ئىككىلىك كود. 2017-يىلى ياز.
ئۇيغۇر رايونىدا تىغلىق بۇيۇملارغا ئۇرۇلغان ئىككىلىك كود. 2017-يىلى ياز.
wsj.com xewiridiki Uyghur rayonidin tartilghan sindin süretke élin’ghan.

چەرچەن ناھىيەسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تىغلىق ئەسۋابلىرىغا ئىككىلىك كود قويدۇرمىغان ئاھالىلەرنىڭ 1‏-يانۋارغا قەدەر قويدۇرۇپ بولۇشىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

چەرچەن بازىرىغا قاراشلىق جاھانباغ ئاھالىلەر رايونىنىڭ 27‏-دېكابىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود قويدۇرۇش خىزمىتىنىڭ31‏-دېكابىر ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىغلىق ئەسۋابلىرىغا ئىككىلىك كود قويدۇرمىغان ئاھالىلەر يۇقىرىقى 3 كۈن ئىچىدە تىغلىق ئەسۋابلىرىغا «ئىككىلىك كود قويدۇرۇپ بولۇشى شەرت» ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە قويدۇرمىغانلارنىڭ «ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككى كود قويدۇرۇش سىياسىتى 2016‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسى مەزكۇر سىياسەت ئەڭ بۇرۇن ئىجرا قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ بۇ تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى «زۆرۈر چارە» دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن. لېكىن بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار بۇ تەدبىرلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى پائالىيەت بوشلۇقىنى قىسىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

چەرچەن ناھىيەسى جاھانباغ ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئاھالىلەرنىڭ تىغلىق ئەسۋابلىرىغا ئىككىلىك كود ئۇرغۇزۇشى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، قويدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى بۈگۈن رادىيومىزغا ئىككى كودنى ۋاقتىدا قويدۇرمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆيىڭىزدە ئىككىلىك كود قويدۇرمىغان تىغلىق ئەسۋابلار بولسا مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ساقچى پونكىتىغا كېلىپ دەرھال قويدۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىككىلىك كود قويدۇرماي ئۆي تەكشۈرگەندە بايقىلىپ قالسا چاتاق چىقىدۇ. پەقەت تەكشۈرۈلگەندە بايقىلىپ قالسىلا ئاقىۋىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە. بۇ ھەممە ئادەمگە ئومۇميۈزلۈك قويۇلۇۋاتقان تەلەپ،» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن ساقچى پونكىتىنىڭ يۇقىرىقى نۆۋەتچى خادىمى تىغلىق ئەسۋابلىرىغا ئىككىلىك كود قويدۇرمىغان ئاھالىلەرنىڭ كونكرېت قانداق ئاقىۋەت ياكى جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

چەرچەندىكى بىر يەرلىك كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناھىيەدە ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ تىغلىق ئەسۋابلىرىغىمۇ ئىككىلىك كود قويدۇرۇلغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىدارىسىنىڭ 6 دانە تىغلىق ئەسۋابىغا ئىككىلىك كود قويدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىلەر! مەن ماۋۇ سىلەرنىڭ ناھىيەنىڭ تىغلىق ئەسۋابلارغا نومۇر قويدۇرۇش ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلېفون قىلىۋاتاتتىم، سىلەرنىڭ ئىدارىدە قويۇپ بولدىمۇ؟ سىز قويدۇرۇپ بولدىڭىزمۇ؟

يەرلىك كادىر: ھە-ئە، مەن ئۆزۈمنىڭكى نامىدا مۇشۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىنىڭ نېمىسىنى قويدۇرۇپ بولدۇم. بىزنىڭ ئارقىدا ئىشلىتىدىغان كۆمۈر چاقىدىغان پالتىنى ھېسابلىغاندا 6 گە قويدۇردۇق.

مۇخبىر: ئۆيدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنى قانداق قىلدىڭلار؟

يەرلىك كادىر: ئۇنى ئىدارىدىن بىر تۇتاش ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قويدۇرمىغانلارنى پالانى-پوكۇنى قويدۇرمامتۇ، دەپ، ئىدارە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەممىنى قىلدۇردۇق. مەخسۇس بىر ئورۇننى بېكىتىپ بەردى. بازار ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر بازارلىق ساقچىخانىغا ئاپاردى. يېزىدا تۇرۇشلۇقلار يېزىلىق ساقچىخانىغا كەلدى. 31‏-دېكابىردىن بۇرۇن قويدۇرۇپ بولۇڭلار، دېگەن ئۇقتۇرۇشتىن ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار.

مەزكۇر ناھىيەدىكى يەنە بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ناھىيەسىدە ئىدارە-جەمئىيەتلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تىغلىق ئەسۋابلىرىغا مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزغان.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ ناھىيەدە تىغلىق ئەسۋابلارغا نومۇر قويۇش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇڭلارمۇ؟

يەرلىك خىزمەتچى: ھە-ئە، ئورۇنداپ بولدۇق.

مۇخبىر: سىز نومۇر قويدۇردىڭىزمۇ ئۆيىڭىزدىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا؟

يەرلىك خىزمەتچى: ھە-ئە، قويدۇرۇپ بولدۇق. بىزنىڭ ئىدارە بىۋاسىتە باشقۇرۇپ، پۈتۈن كادىرلار ئۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە تەكشۈرۈپ، نومۇرنى تىزىملاپ، ئىدارىدىن ئارخىپ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بولدى.

مۇخبىر: ھەئە، ئۇنىڭغا ئىدارە ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدىما؟

يەرلىك خىزمەتچى: ھە-ئە، تۇرغۇزدى. ئىدارىدىنمۇ ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدى.... پۈتۈن ناھىيە ئورۇنداپ بولدۇق.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككى كود قويدۇرۇشنى يولغا قويۇشى يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قالمىغان، بەلكى بۇ يەنە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر سىن پروگراممىسىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى رايوندىكى بىر تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود قويۇش ئورنىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىغلىق ئەسۋابلار ئارقىلىق كىشىلەرنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

ئىككىلىك كود قويۇش ئورنىدىكى خىتاينىڭ «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق بىر تىغلىق ئەسۋابتىكى ئىككىلىك كودنىڭ ئاستىدا بىر ھاۋالە نومۇرى بولۇپ، ئۇ لازېر ئارقىلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا ئويۇلىدىكەن. ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنى تەكشۈرگەن ھامان تىغلىق ئەسۋابنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى، مىللىتى، رەسىمى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

لېكىن بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپ، بۇنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى كرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىكەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شيا ۋېيلياڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئۇلار ئىنتايىن ئېغىر كرىزىس تۇيغۇسىغا پېتىپ قالدى. ئۇلار مۇقىملىققا بۇنچىلىك زور كۈچ ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا خاتىرجەمسىزلىك، قورقۇش ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىكى قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرى. ئۇلار تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە قارىتىلغان بېسىمىنى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۈچەيتتى. چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، تىنچلىق دەۋرىدە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە بۇ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دەۋردىكى زىددىيەت، توقۇنۇش ھازىرقىدەك ئۇنداق كەسكىن ئەمەس. شى جىنپىڭ ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئۇسۇللارغا قايتىۋاتىدۇ.»

شيا ۋېيلياڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق قول تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي، رايوندىكى خىتايلارغىمۇ زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارغا قاتتىق تەسىر قىلىپلا قالماي، خەنزۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، مىللەتلەر ئۆز ئارا ئىناق بولغاندا، مىللەتلەر ھەر قايسى جەھەتلەردە ئەركىن، بەخىرامان سودا ئالاقىسى قىلالىغاندا ھەر قايسى تەرەپلەر تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىپ، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئەمما ھازىرقىدەك ھەممە مىللەت جىددىيلىشىپ كەتسە، بىر-بىرىگە دۈشمەن مۇئامىلىسى قىلسا، ھەممە تەرەپنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە باشقا تەرەپلەردىكى تۇرمۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ باياناتى ۋە يىللىق دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنى يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق قول سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىشكە، ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماي كەلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت