دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ تۇڭگانلاردىمۇ نارازىلىق قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.08
tangshan-tunggan-namayish.jpg تۇڭگان دىنى زاتنىڭ تاياق يېيىش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن تۇڭگانلار نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەر. 2017-يىلى 4-سېنتەبىر. (dailymail.co.uk دىكى خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

2-سېنتەبىر خېبېينىڭ تاڭسەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن تۇڭگانلار نارازىلىق نامايىشىغا بىرنەچچە كۈن بولدى. تاڭسەندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تاياق يېگۈچى تۇڭگان دىنىي زاتقا تۆلەم بېرىش ئارقىلىق نامايىشنى ۋاقىتلىق بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، نامايىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

مۇنازىرىلەرنىڭ بەزىلىرىدە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا سەۋەب بولغان نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فەيسبوكتا  تارقالغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە خىتاينىڭ دۆلەت 205-يولىنىڭ تاڭسەن بۆلىكىدىكى يول ھەققى پونكىتىدا يۈز بەرگەن تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا، يول ھەققى پونكىتى تۇڭگان نامايىشچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.  مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشقا ياڭ فامىلىلىك تۇڭگان دىنىي زات ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكىلەر تەرىپىدىن تاياق يېيىش ۋەقەسى سەۋەب بولغان.

تۋىتتېرغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى تارقالغاندىن كېيىن،  تاڭسەندىكى تۇڭگانلار نامايىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان. خىتايدىكى بەيدۇ، ئۈندىدار تېڭشۈن قاتارلىقلاردا «تاڭسەن يول ھەققى پونكىتى»،«تاڭسەنلىك ئاخۇن» دېگەن «سەزگۈر سۆزلەر» چەكلەنگەن.

تۋىتتېردا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلەردە پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن بىرى ئامېرىكا جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاسپىرانتى تۇڭگان زىيالىيسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى.

ئۇ، تاڭسەندىكى نامايىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۆلەم پۇل بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ماڭا كەلگەن ئۇچۇرلاردا ‹ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تاڭسەندە يۈز بەرگەن تۇڭگانلار نامايىشىنى  500 تۈمەن تۆلەم بېرىش يولى بىلەن يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپتۇ» دېگەن گەپلەر بار. بىلىشىمچە، خېبېينىڭ تاڭسەن شەھىرى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى نىسبەتەن كۆپ شەھەر. ھازىر خىتاي دائىرىلىرى  ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىۋاتىدۇ. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئاز ساندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تاڭسەندىكى يول ھەققى پونكىتىدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇرمىلاۋاتىدۇ.

ئىگىلىشىمچە مەزكۇر ھەق ئېلىش پونكىتى ئەمەلىيەتتە 2004-يىلى مەلۇم شەخسى شىركەتكە 20 يىللىق ھۆددىگە بېرىلگەن، ئەمما يەرلىكنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك 2009-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 2-دەرىجىلىك تاشيوللاردىن يول ھەققى ئالماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىلدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ئاپتوموبىللاردىن قانۇنسىز ھالدا يول ھەققى ئېلىش قىلمىشلىرى نارازىلىق قوزغاپ كەلگەن ئىكەن.

خېبېي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا مەزكۇر ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ 8 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ھەق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر پونكىتنى بىكار قىلىنمىغانلىقى پۇقرالارنى نارازى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپتۇ. يەنە بىر جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىدا تۇڭگان دىنىي ئۆلىما يەنى غا يولسىزلىق بىلەن ھاقارەت قىلىنىپ، يەرلىك تۇڭگانلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ دىنىي ئۆلىما ۋە ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ  ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇشى تۇڭگانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ نامايىشنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.»

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تاڭسەندىكى تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە، ياڭ فامىلىلىك تۇڭگان دىنىي زاتنىڭ يول ھەققى پونكىتى خادىملىرى تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىپ، تاياق يېيىش ۋەقەسى پىلتا رولىنى ئوينىغان. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ كۈچىيىشى سەۋەب بولغان.

سۇلايمان يىگۇ: «بەزىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇڭگانلارغا قارىتىلغان دىنىي سىياسەت ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كەڭرى دېيىشىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئۆز كەچمىشىمدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۇڭگانلارنىڭمۇ دىنىي ئېتىقادىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق چەكلەپ كەلدى. ئالايلۇق خىتايدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا تۇڭگانلاردىن بولغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلىنەتتى، ھەتتا ناماز ئوقۇغانلىقىم،  روزا تۇتقانلىقىم قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغىمۇ ئۇچرىغان ئىدىم. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى تارقالغان رايونلاردا يېمەكلىكلەرنى ‹ھالال›، ‹ھارام› دەپ ئايرىش ‹تېررورلۇقنىڭ ئىپادىسى› دەپ قارىلىپ ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىدىغان دىنىي مەكتەپلەر تاقىۋېتىلىپ، تۇڭگان ئۆلىمالىرى تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ.»

تۋىتتېر تورىغا ئىنكاس يوللىغۇچىلاردىن يۇنۇس ئىسىملىك يەنە بىر تۇڭگان زىيالىيسىمۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ  تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

ئۆزنىڭ خىتايچە ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇنۇس ئەپەندىمۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش يولىنى تاللىشىغا خىتايدا دىنىي تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ  دىنىي ئېتىقادقا قويغان بېسىملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس: «ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەن خىزمەت تاپالمىدىم ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئاچقان دىنىي مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ئەمما بۇ مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن دىنىي چەكلىمە ۋە تەقىبلەر مېنى خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ ئەركىن دېموكراتىك بىر دۆلەتكە چىقىش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن ئەركىنلىككە تەلپۈنىدىغان ۋىجدانى بار كىشىلەر بىلگىنىدەك، غۇرۇرى بىلەن ياشايدىغان راست گەپ قىلىدىغان كىشىلەر خىتايدا ياشىيالمايدۇ. مەن دىنىي تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىم ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلدىم دېسەم بولىدۇ.»

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن تۋىتتېر فەيسبوك قاتارلىق تورلاردىكى ئىنكاسلاردا يەنە نۆۋەتتە خىتاي تورلىرىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ھاقارەتلەيدىغان يازمىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەنلىك كەيپىياتى ئىپادىلىنىدىغان بۇ خىل يازما ۋە ئىنكاسلارنىڭ كۆپىيىشىگە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قوزغىغان «چوڭ خىتايچىلىق» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى «دىنىي رادىكاللىق»، «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەيدىغان خەۋەر-تەشۋىقاتلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىكى  مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قارىشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

سۇلايمان يىگۇ: «ھازىر خىتايچە تورلارغا قارىسىڭىز مۇسۇلمانلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان، ھەتتا خىتاي دۆلىتىدىن يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان يازمىلارنى ھەر كۈنى كۆرىسىز، پۈتكۈل خىتايدا ‹مۇسۇلمانلارنى دۈشمەن كۆرۈش كەيپىياتى› بارغانچە كۈچەيدى. ئەمما تورلاردا  پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەيدىغان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان، بۇنداق ئىنكاس-يازمىلارغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، ھەتتا كوممۇنىست ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىمۇ خىتاي تارىخىدىكى تۇڭگانلارنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن زوزۇڭتاڭغا ئوخشاش شەخسلەر مەدھىيىلىنىدىغان يازمىلار كۆپەيدى. ئۇچۇرلاردىن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا يەنە توڭگۇز بېشىنى ئېسىپ قويۇش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز.»

نۆۋەتتە  خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تاڭسەندە يۈز بەرگەن تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يەنىلا قامال قىلىنغان ھالەتتە تۇرماقتا.

بىز مەزكۇر نامايىشتىن كېيىنكى تاڭسەن ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تاڭسەن شەھىرىدىكى ساقچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ تاڭسەندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.