«ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» بايراق چىقىرىش ۋە قەسەم ئىچىش بولدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.09.03
Xoten-qosh-til-mek-maw-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo


27 - ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا،خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى«ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھى تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەۋاتقان، بېيجىڭدا زور كۆلەملىك ھەربي پارات ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە باشلاندى، خىتايدىكى بۇ سىياسىي سەزگۈر ۋەزىيەتنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نورمال دەرس باشلىشىغا ۋە مائارىپ ھاۋاسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.

3 - سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىلەپ زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بېيجىڭدىن 3000 كىلومېتىر يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى ئوقۇش باشلىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ شۇ خىل قىزىل سىياسىي كەيپىيات داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان شىنجاڭ رادىيو تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى 1 - سېنتەبىر بازارلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەركىزى مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «قىزىل خور» ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭغا بازاردىكى بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەرقايسى كەنتلەردىن تەشكىللەنگەن 19 كوماندىدىكى 800 دىن ئارتۇق ئادەم «قىزىل خور» ۋە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتقان.

پائالىيەتكە 3500 نەپەردىن ئارتۇق ئامما قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئاممىنى «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىغا يېتىشىگە ئىلھاملاندۇرۇش»نى مەقسەت قىلغان.

خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك لايىھىلەپ قانات يايدۇرۇش ھەققىدە 27 - ئاۋغۇست تارقاتقان بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشىدا «بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، مەكتەپكە كىرىش تەربىيەسى بېرىشتەك ئەۋزەل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى «ئار - نومۇسنى ئۇنۇتماي، جۇڭخۇا ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش» تېمىسىدا «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەشنى تەكىتلىگەن ۋە يەنە ئۇقتۇرۇشتا قانداق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىمۇ مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ دۆلەت شېئىرى ئېيتىش، دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قەسەم بېرىش قاتارلىق مۇراسىملارنى تەشكىللەش كېرەك. دەپ تەلەپلەر قويۇلغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئەسلى نورمالدا - 1 سېنتەبىر بارلىق مەكتەپلەر دەرس باشلايدىغان كۈنى بولسىمۇ، ئوقۇش باشلىماي دەرسنىڭ كېچكتۇرۇلگەنلىكىنى، بالىلار - 1 سېنتەبىر مەكتەپكە يىغىلغان بولسىمۇ، ئوقۇپ باشلاش تۇنجى دەرسىنىڭ بايراق چىقىرىش ۋە قەسەم بېرىش بولغانلىقىنى، مۇراسىمىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 7 - سېنتەبىرگىچە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە بىردەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈش بۇيرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى كىنو - فىلىملەرنى كۆرۈش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش، نوتۇق سۆزلەش، ماقالە يېزىش، ئۆگىنىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ «قەھرىمانلار ئۇنتۇلمايدۇ» تېمىسىدىكى تەشۋىقات فىلىمنى ئىشلەپ مەكتەپلەرگە تارقاتقان بولۇپ، بۇنى 2015 - يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» پروگراممىسى قىلىپ بېكىتكەن، ھەر قايسى مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپلەرگە بۇ تەشۋىقات تەربىيە فىلىمىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىدىن ئالغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش توغرىسىدا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەكلىكىنىمۇ ئوقتۇرغان.

«ئۆزىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى خەلقىگە، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرگە زورلاپ تېڭىش پەقەت خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىدەك دىكتاتور دۆلەتلەرگىلا خاس»دەپ تەنقىد قىلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەتتا مەكتەپلەردىمۇ قىزىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىشىگە قارىتا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي چۆكتۈرىۋەتتى، شەرقىي تۈركستاندىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم مەرىپەت ئېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە كېرەك ئەمەس، ئۇلارغا كېرەك بولغىنى ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولغان كوممۇنىست ئاڭدا زەھەرلەش ۋە مېڭىسىنى يۇيۇش. بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. خىتاي ئەۋلادلىرىمىزنى سىستېمىلىق ھالدا شەكلى ئۇيغۇر، ۋۇجۇدى خىتايلىشىپ، قىزىللىشىپ كەتكەن بىر ئەۋلاد قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ناھايىتى قەدەم باسقۇچلۇق، پىلانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، شەرقىي تۈركستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىلا، كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ، بۇ قىزىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيلا قالماي، ئەكس تەسىر قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.