ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قارشى ئالىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

30-نويابىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇل ساباھىدىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇش كۈنلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن-پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتنى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ پائالىيەتكە ئىستانبۇل زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى رېكتورى پروفېسسور مەھمەت بۇلۇت، باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر ئۆزبېك، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى باشلىقى مۇستافا سالىھ قاتارلىق مەسئۇللار ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىر تۈركچە دېكلاماتسىيە قىلىندى. كېيىن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئەتلىرىنى، جۇغراپىيە ۋە نوپۇسىنى شۇنداقلا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بىرى تۈرك تىلىدا يەنە بىرى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىر قانچە پەدە دۇتار چېلىپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كېيىن يەنە بىر ئوقۇغۇچى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئېكران كۆرسەتكۈچ بىلەن رەسىملىك ھالدا سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىنى ۋە مىللىي مائارىپ جەھەتتىكى بېسىملارنى رەسىملىك ھالدا ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى، پروفېسسور مەھمەت بۇلۇت ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم-ئىرپان بىلەن تەربىيەلەپ كەلگۈسى ئۈچۈن ياراملىق ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پروفېسسور مەھمەت بۇلۇت ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، بۈگۈن بۇ يەردە كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، ئارىدا سەھنىدىكىلەرنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى بىلەن كۈلۈشكە تىرىشتۇق ئەمما ئىچىمىزدىكى قايغۇ-ئەلەم داۋام قىلدى».

پروفېسسور مەھمەت بۇلۇت ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان يەردۇر. بۇ يىغىندا بىر قىسمى تىلغا ئېلىندى. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە ئەڭ كۆپ مەزلۇم ئوتتۇرىغا چىققان جۇغراپىيە ئىسلام جۇغراپىيەسى بولدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى پارچىلىنىش ۋە بۆلۈنۈپ كېتىش. بىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئوخشاش تىلدا سۆزلەشكەنگە ئوخشاش، ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز كېرەك».

پروفېسسور مەھمەت بۇلۇت ئەپەندى، سۈرىيەلىكلەرنى قوللىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىزگە بۇ جەھەتتە سۈرىيەدە بېسىم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلارغا دەرۋازىمىزنى ئاچتۇق، بىز ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمە قىلالىساق شۇنى قىلىشقا تەييار دېدۇق. ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز كەلسىمۇ قارشى ئالىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا قولىمىزدىن كەلگەن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالىمىز. كەمچىللىك بولۇشى مۇمكىن ئەمما تېخىمۇ كۆپ بىر ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر قانداق دەرد-ئەلەملىرىگە دەرمان بولۇشنى خالايمىز».

پروفېسسور دوكتور مەھمەت بۇلۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىلمىي ساھەدە يېتىشكەن ياراملىق خادىملارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مۇنەۋۋەر، مۇتەپەككۇر بىر كەسپى خادىملارغا ئېھتىياجىمىز بار».

يىغىن داۋام قىلىۋاتقان ئوخشاش ۋاقىتتا يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، قول-ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە رەسىملەر قويۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تاماقلىرىدىن، پېچىنە، قۇيماق، سامسا دېگەندەك ھەر خىل تەم-خۇرۇچ تاتلىقلىرى تارقىتىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى باش كاتىپى، دوكتور ئۆمەر ئۆزبېك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئۆمەر ئۆزبېك ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىمىز بۇ يىغىنغا بەك ياخشى تەييارلىق قىلىپتۇ. ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇق، مەمنۇن بولدۇق. ھەم پروگرامما ئورۇنلاش جەريانىدا ھەم قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بۇ يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. تەييارلىق قىلغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ياخشى بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يەردىكى گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلەر، مىللىي كىيىم-كېچەكلەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋولى بولغان ھەر خىل ئەشيالار، تاماق ۋە ھەر تۈرلۈك پېچىنە-تاتلىق تەم-خۇرۇچلار بىلەن ناھايىتى گۈزەل بىر پروگرامما بولدى. شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىمىزغا ناھايىتى گۈزەل بىر ھەسسە قوشتى دەپ قارايمەن. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيى دەپ قارايمىز، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 75 دۆلەتتىن كەلگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش ئۇلارمۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ، قىممىتىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز».

دوكتور ئۆمەر ئۆزبېك ئەپەندى، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا چىن يۈرەكتىن سۆيگۈ ۋە سالام يوللايمىز. قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. بۇ خىل پروگرامما يىغىنلار بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىلىم-مەرىپەت يولى بىلەن مەدەنىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەم ئائىلىلىرى ئۈچۈن ھەم ۋەتىنى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز».

ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىغا جايلاشقان قەدىمى بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 75 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت